添加收藏 / 设为首页

此页面上的内容需要较新版本的 Adobe Flash Player。

获取 Adobe Flash Player

当前位置: 维文裁判文书

原告:阿依先木.买买提与被告:阿布都热合曼.买买提,热依汗古丽.买买提,克里木江.买买提继承纠纷

2013-09-24 11:29:21


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايونى

قەشقەر شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامىسى

           ( 2013) ق ش س ھ د چىقىش 726-نومۇرلۇق

                           دەۋاگەر: ئايشەم مەمەت

                        جاۋاپكار:ئابدۇراخمان مەمەت

                          جاۋابكار:رەيھانگۇل مەمەت

                          جاۋابكار:كىرىمجان مەمەت

  مەھكىمىمىز دەۋاگەرئايشەم مەمەتنىڭ جاۋاپكارئابدۇراخمان مەمەت،رەيھانگۇل مەمەت،كىرىمجان مەمەتلەر ئۈستىدىن ئەرز قىلغان ۋارىسلىق ماجرا دىلۇسىنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن ، قانۇن بويىچە ئاددى تەرتىپ قوللىنىپ ، ئوچۇق رەسمى سوت قىلىپ قاراپ چىقتى، مۇشۇ دىلودىكى دەۋاگەر ئايشەم مەمەت،ئابدۇراخمان مەمەت، رەيھانگۇل مەمەت، كىرىمجان مەمەت قاتارلىقلار سوتقا كىلىپ دەۋا پائالىيىتىگە  قاتناشتى ، ھازىر بۇ دىلوغا قاراپ چىقىش ئاخىرلاشتى.

دەۋاگەر دەۋا تەلىۋىدە: «مەرھۇم ئاتا-ئانام مەمەت دەرۋىش بىلەن پاتەم ئابلالاردىن مىراس قالغان xx تەۋەسىدىكى 30مىڭ يۈەن قىممىتىدە بىر مو كۆلەمدىكى تۆت ئېغىز خام قىش،ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئۆي ھويلا،باغ،40تۈپتەك مېۋىلىك،مېۋىسىز دەرەخ، دۆلەت قۇرۇلۇشىغا كەتكەن يەرنىڭ 41مىڭ500يۈەن پۇل قاتارلىقلاردىن جاۋابكارلار تاھازىرغىچە مېنىڭ تېگىشلىك مىراسىمنى ئايرىپ بەرمىدى،شۇڭا قانۇن بويىچە تېگىشلىك مىراسىمنى دەۋا ھەققى بىلەن قوشۇپ ئىلىپ بەرسە دەپ دەۋا تەلىۋىنى ئوتتۇرغا قويدى.

 ھەمدە تەشەببۇسىنى قوللاش ئۈچۈن تۆۋەندىكى دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆرسەتتى.

1-دەۋاگەر2011-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى xxكەنت ئاھالىلەر كومىتىتىنىڭ دەۋاگەر ئايشەم مەمەت ئاتا-ئانىسىدىن مىراس ئالمىغان،ئاتا-ئانىسىدىن قالغان كونا ئۆي،باع ئورنى دۆلەت قۇرۇلۇشىغا كەتكەن يەرنىڭ تۆلەم پۇلىدىن ئاكىسى ئابدۇراخمان مەمەتتىگىشلىكىنى دەۋاگەرگە بەرمىگەن دىگەن مەزمۇندىكى ئىسپاتنىڭ ئەسلى نۇسقىسىنى سوتقا تاپشۇرۇش ئارقىلىق مىراسنىڭ تەقسىم قىلىنمىغانىقىنى ئىسپاتلىدى،جاۋاپكارلار مىراسنى تەقسىم قىلىپ بولغان دەپ باشقىچە پىكىردە بولدى.

2-دەۋاگەر يولدىشى ئابدۇكىرىم ئېززنىڭ تۆۋەن كاپالەت كىنىشكىسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى سوتقا تاپشۇرۇش ئارقىلىق ئائىلىكى بىردىنبىر ئەمگەك كۈچى يولدىشىم تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىدىن بەھرىمان بولىدۇ،مەن ۋە يولدىشىمنىڭ باشقا كىرىم مەنبەيىمىز يوق دەپ ئىسپاتلىدى،جاۋاپكارلار باشقىچە پىكىردە بولدى.

جاۋابكار ئابدۇراخمان مەمەتجاۋابىدا:« ئانام پاتەم ئابلا 1996-يىلى ،دادام مەمەت دەرۋىش 2003-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۆلۈپ كەتتى،ئانام ئۆلۈپ كېتىپ 9يىل جەريانىدا دەۋاگەر دادامنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالمىدى،ئائىلە سايمانلىرىنى ئېلىپ كەتتى.دادام ئۆلۈپ كەتكىچە بولغان ئارىقتىكى بارلىق داۋالىتىش ئىشلىرىنى مەن قىلدىم،ئاتا-ئانامنىڭ ئۆلۈمىنى مەن ئۇزاتتىم. دادام ئۆلۈپ كېتىش ئالدىدا دۆلەت قۇرۇلۇشىغا كەتكەن تېرىلغۇ يەرنىڭ گېپىنى قىلمىغان.دادامنىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقاندا سىڭلىم ئايشەم مەمەتغا ئۆيەڭنى مارەكلىدىم،بالاڭنىڭ خەتنە تويىدا يارشىقىنى قىلدىم،ئۆيلىرىڭنى يېپىپ بەردىم،سەن شۇنىڭغا رازى بول،باشقا نەرسە بېرەلمەيمەن دېدى.سىڭلىم ئايشەم مەمەت بۇ گەپكە نارازى بولدى.ئاچام رەيھانگۇل مەمەتكە قارىتا سېنىڭ بالاڭ كىرىمجان اخۇننى مەن بالىچىلاپ باققان دەپ ئېغىل تەرەپنى تۇخان،كىرىمجان بىلەن ئۆي سېلىپ ئولتۇرسۇن دەپ بۆلۈپ بەرگەن.ئائىلىدىن بىر مىس جۈمبىل بەرگەن،بۇ گەپ دېيىلگەن يەردە سېڭلىم نۇرگۇلمۇ بار.كونا ئۆينى يەنى بىر دەلىز،ئىككى مىھمانخانا،بىر قازناقنى،باغنى ماڭا قالسۇن دېگەن،دادام ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن شۇ پىكىر بويىچە ئاچام رەيھانگۇل مەمەتبىلەن كىرىمجان مەمەتكە 80كۋادرات مىتىر ئورۇننى كۆرسىتىپ بەردىم،بۇ يەرگە كىرىمجان مەمەت 2011-يىلى 4-ئايدىن بۇيان ئۆي سېلىپ ئاچام بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. 2011-يىلى 3-ئاي ئەتراپىدا بىر مو توققۇز پۇڭ كۆلەمدىكى تېرىلغۇ يەرنىڭ بىر مو ئالتە پۇڭى دۆلەت قۇرۇلۇشىغا كېتىپ،41مىڭ 500يۈەن تۆلەم كەلدى.بۇ پۇلدىن مەن 19مىڭ يۈەن ئالدىم،قالغان پۇلنى تۇخان ئاچام بىلەن كىرىمجان مەمەت ئالدى» دەپ جاۋابىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ھەمدە دەۋا تەشەببۇسنى قوللاش ئۈچۈن دەلىل-ئىسپات كۆرسەتمىدى.

جاۋابكار رەيھانگۇل مەمەت سوتتا: « مەن دادامنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن ئوغلۇم بىلەن ئىككىمىزنىڭ ھەققىنى ئېلىپ،رازى بولدۇم.باشقا دەۋايىم يوق.دەۋاگەرنىڭ مىراس ھەققىنى قانۇن بويىچە تەقسىم قىلىپ قويسا بولىدۇ.تۆلەم پۇلىدىن ئابدۇراخمان مەمەت19مىڭ يۈەن ئالدى،قالغان پۇل 22مىڭ 500يۈەننى ئوغلۇم كىرىمجان مەمەت بىلەن مەن ئالدىم ››دەپ جاۋابىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

جاۋاپكار كىرىمجان مەمەت جاۋابىدا: ‹‹ مېنىڭ پىكىرىم ئانام رەيھانگۇل مەمەتبىلەن ئوخشاش»دەپ جاۋابىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ھەمدە تەشەببۇسىغا قارتا دەلىل-ئىسپات كۆرسەتمىدى.

سوتتا تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: مىراس قالدۇرغۇچى پاتەم ئابلا بىلەن مەمەت دەرۋىش رەيھانگۇل مەمەت،ئابدۇراخمان مەمەت، ئايشەم مەمەت قاتارلىق ئۈچ پەرزەنتكە ئاتا-ئانا بولغاندىن كىيىن رەيھانگۇل مەمەتنىڭ ئوغلى كىرىمجان مەمەتنى 4ياش ۋاختىدىن باشلاپ بالىچىلاپ بىقىۋالغان،دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئانىسى پاتەم ئابلا 1996-يىلى 6-ئايدا ئۆلۇپ كەتكەن، 2003- يىلى 12- ئايدا دەۋالاشقۇچىلارنىڭ دادىسى مەمەت دەرۋىش كېسەل بولۇپ يېتىپ قالغاندا پەرزەنتىلىرىدىن رەيھانگۇل مەمەت،ئابدۇراخمان مەمەت، ئايشەم مەمەتلار بار يەردە قىزى رەيھانگۇل مەمەتبىلەن بالىسى كىرىمجان مەمەتكە ھويلىدىن كىرىشتىكى ئىعىل بىلەن خالا ئورنىدىن ھازىرقى ئۆي سىلىپ ئولتۇرغان ئۆي ئورنىنى كۆرسىتىپ بەرگەن بولسىمۇ، قالغان ئۆي ۋە مال- مۈلۈك توغرىسىدا ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىگەن، مەمەت دەرۋىش 2003- يىلى 12- ئاينىڭ 25- كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كىيىن جاۋاپكار ئابدۇراخمان مەمەتدادىسىنىڭ ئۆلۈم نەزەرە چىراق ئىشلىرىنى ئۇزاتقان،دادىسىنىڭ يۇقارقى كۆرسىتىشى بىلەن رەيھانگۇل مەمەتبىلەن كىرىمجان مەمەت ئەسلىدىكى قورۇ جاينىڭ ئىغىل تەرەپتىكى بوش ئورۇنغا ئۆي سىلىپ دەۋالاشقۇچىلار بىلەن ئورتاق بولعان ئەسلىدىكى ئىشىكتىن پايدىلىنىپ ئولتۇرغان،ئابدۇراخمان مەمەتبىلەن ئايشەم مەمەتلارمۇ بۇنىڭغا قوشۇلۇپ باشقىچە پىكىردە بولمىغان، 2011-يىلى 3- ئايدا تەرەپلەرنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن قالغان 1.6مو تىرىلغۇ يىرى دۆلەت قۇرۇلىشىغا كىتىپ يەر تۆلەم پۇلى ئۇچۇن 41500 يۇەن تۆلەم بىرىلگەن،بۇ پۇلدىن جاۋاپكار ئابدۇراخمان مەمەت19 مىڭ يۇەن،رەيھانگۇل مەمەتبىلەن كىرىمجان مەمەت 22500يۈەن ئېلىپ دەۋاگەرگە تىگىشلىكىنى بەرمىگەندىن كىيىن دەۋاگەرنىڭ جاۋاپكارلار ئۈستىدىن ئەرزىدىكى دەۋا تەلەپ بويىچە مەھكىمىمىزگە ۋارىسلىق ماجرا دەۋاسى قىلغان تەرەپلىرى ئىنىقلاندى.

  مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى:تەرەپلەر تالىشىۋاتقان ئۆي،باغ،يەر ئۈچۈن بېرىلگەن تۆلەم پۇلى،دەل-دەرەخلەر تەرەپلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى مەمەت دەرۋىش بىلەن پاتەم ئابلالارنىڭ مۈلىكى بولۇپ،پاتەم ئابلا ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن مەمەت دەرۋىش ئۆي مەسىلىسىدە قىزى رەيھانگۇل مەمەتبىلەن بىقىۋالغان بالىسى كىرىمجان مەمەتكە مىراس ھەققى ئۈچۈن ھويلىغا كىرىشتىكى ئىغىل بىلەن خالا ئورنىدىن80 كۋادىرات مېتىر ئەتراپىدىكى ئورۇننى كۆرسىتىپ بېرىپ، ئۆي سېلىۋىلىشنى دېگەن.قالغان ئۆي،باغ،دەل-دەرەخ يەر-زىمىن توغرىسىدا ۋەسىيەت قالدۇرمىغان،مەمەت دەرۋىش ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن رەيھانگۇل مەمەتبىلەن بىقىۋالغان بالىسى كىرىمجان مەمەت، مەمەت دەرۋىش كۆرسىتىپ بەرگەن يەرگە ئۆي سېلىپ پايدىلانغان،بۇنىڭغا باشقا مىراسخورلار باشقىچە پىكىردە بولمىغان. رەيھانگۇل مەمەتبىلەن كىرىمجان مەمەتنىڭ بۇ قورۇ جايدىن 80 كۋادىرات مېتىر ئورۇننى ئىگەللەپ ئۆي سىلىپ رازى بولۇپ ئولتۇرغان ۋە سوتتىمۇ يۇقارقى مۇلۈككە رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. شۇڭا رەيھانگۇل مەمەتبىلەن بىقىۋالغان بالىسى كىرىمجان مەمەتىنى تىگىشلىك مىراس ھەققىنى ئىلىپ بولغان دەپ بىكىتىشكە،يەر ئۈچۈن بېرىلگەن تولۇقلىما پۇلنى تۆت مىراسخور تەڭ تەخسىم قىلىپ ئىلىشقا تىگىشلىك.قالغان كونا ئۆي،باغ ۋە باغ ئىچىدىكى دەل-دەرەخ(كىسىلگىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)لەرنى دەۋاگەر ئايشەم مەمەت بىلەن جاۋاپكار ئابدۇراخمان مەمەتلارغا بۆلۈپ بىرىشكە تىگىشلىك.جاۋاپكار ئابدۇراخمان مەمەت«قالغان قورۇ جاينى ماڭا قالدۇرغان،دەۋاگەرگە قورۇ جايدىن مىراس قالدۇرمىغان» دىگەن بولسىمۇ يۇقارقى تەلىۋىگە قارىتا يىتەرلىك دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىپ بېرەلمىدى.شۇڭا جاۋابكارنىڭ قالغان مۈلۈكنى ماڭا ۋەسىيەت قىلپ بەرگەن دېگەن تەلىپىنى قوللاشقا بولمايدۇ،رەت قىلىش كېرەك. جاۋاپكار ئابدۇراخمان مەمەتدادىسىنى بېقىپ ئۆلىمىنى ئۇزاتقانلىقى ئۈچۈن قالغان مىراس مۈلۈكنى بۆلگەندە باشقا مىراسخورلاردىن كۆپرەك بۆلۈپ بېرىش كىرەك. قالغان70كۋادىرات مېتىر كۆلەمدىكى تۆت ئېغىز خام قىش ياغاچ قۇرۇلمىلىق كونا ئۆي،ھويلا 714كۋادىرات مېتىر كۆلەمدىكى باغ ئەتراپىدىكى دەل-دەرەخنى دەۋاگەر ئايشەم مەمەت بىلەن جاۋاپكار ئابدۇراخمان مەمەتغا بۆلگەندە تەرەپلەرگە تەخسىم بولغان ئۆي يەرلەرگە كىرىش يولى توسۇلۇپ قالىدىغان بولۇپ ھويلا ۋە كوچىدىن تەرەپلەر تەڭ پايدىلىنىشقا تىگىشلىك.كونا تۆت ئىغىز ئۆي ھازىر كونىراپ ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالەتكە يەتكەن بولۇپ،باغدىكى يەر بىلەن ئوخشاش ھىساپلاپ،تەخسىم قىلىشقا تىگىشلىك دەپ قاراپ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مىراسخورلۇق قانۇنى››نىڭ 10-ماددا،13-ماددا3-تارماق،16-ماددا2-تارماق،27-ماددا 5-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىندى:

  1.دەۋاگەر ئايشەم مەمەتغا باغنىڭ شىمال تەرپىدىن، شەرقتىن غەرىپ كەڭلىگىنى ئاساس قىلىپ كەڭلىكى19.50 مېتىر، شىمالدىن جەنۇبقا 15مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى جەمئىي292.5كۋادىرات مېتىر يەر ۋە ئەتراپىدىكى دەل-دەرەخ بۆلۈپ بېرىلسۇن.

  2.دەۋاگەر ئايشەم مەمەتكە بۆلۈپ بېرىلگەن292.5كۋادىرات مېتىر يەرگە بېرىش ئۈچۈن باغقا كېرىدىغان يول ئىغىزىدىن شەرقتىن غەربكە ئىككى مېتىر كەڭلىكتە 38 كۋادىرات مېتىر كوچا ئايرىپ بېرىلسۇن.(كوچىدىن دەۋاگەر ۋە جاۋابكار ئورتاق پايدىلانسۇن).

  3.جاۋاپكار ئابدۇراخمان مەمەتغا، كونا تۆت ئىغىزلىق ئۆي 70 كۋادىرات مېتىر، باغدىن دەۋاگەرگە بۆلۈپ بېرىپ ئاشقان قىسمى 332.5كۋادىرات مېتىر جەمئىي 402.5كۋادىرات مېتىر ئورۇن ۋە ئۆزىگە تەخسىم بولغان باغ ئەتراپىدىكى دەل- دەرەخ، يەردىكى كېسىكلىك 10 تۈپ دەرەخ ۋە بۆلۈپ بېرىلسۇن.

  4.يەرگە بېرىلگەن تولۇقلىما پۇلى41500يۈەندىن 10مىڭ يۈەننى دەۋاگەر ئايشەم مەمەت،11500يۈەننى جاۋاپكار ئابدۇراخمان مەمەت،20مىڭ ينەننى رەيھانگۇل مەمەتبىلەن كىرىمجان مەمەت ئالسۇن.(دەۋاگەرگە، جاۋاپكار ئابدۇراخمان مەمەت7500يۈەن،جاۋاپكار رەيھانگۇل مەمەتبىلەن كىرىمجان مەمەت2500يۈەن بېرىدۇ.)                  

دەۋا ھەققى 1585 يۈەننىڭ يىرىمى793 يۈەندىن317يۈەننى دەۋاگەر ئايشەم مەمەت،476 يۈەننى جاۋابكار ئابدۇراخمان مەمەتئۈسىتىگە ئالسۇن.

ئەگەر بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولمىغان تەرەپ ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ15كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە نارازلىق ئەرز تاپشۇرسا ھەمدە قارشى تەرەپ دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئادەم سانى بويىچە نارازلىق ئەرىزنىڭ كۆچۈرۈلىمىسىنى قوشۇپ تاپشۇرۇپ، مەھكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاستە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمسىگە نارازلىق ئەرىز بىرىشكە بولىدۇ.

                سوتچى: رۇشەنگۇل ئۆمەر

               2013 ـ يىلى3-ئاينىڭ 23-كۇنى

                پۈتۈكچى: ئابدۇۋەلى سۇلتان

案由:继承纠纷

原告:阿依先木.买买提

被告:阿布都热合曼.买买提,热依汗古丽.买买提,克里木江.买买提。

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆喀什市人民法院网

关闭窗口