添加收藏 / 设为首页

此页面上的内容需要较新版本的 Adobe Flash Player。

获取 Adobe Flash Player

当前位置: 维文裁判文书 -> 民事文书

原告米吉提与被告图尔洪江民间借贷纠纷

2013-11-05 12:55:12


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

قەشقەر شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ  ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامىسى

             (2013) ق ش س ھ د چىقىش 634-نومۇرلۇق

               دەۋاگەر:مىجىت سىيىت،ئەر،ئۇيغۇر،

               جاۋابكار:تۇرغۇنجان قۇربان،ئەر، ئۇيغۇر،

   مەھكىمىمىز دەۋاگەرمىجىت سىيىتنىڭ جاۋابكار تۇرغۇنجان قۇربان ئۈستىدىن ئەرز قىلغان ئەل-ئارا قەرز  ماجرا دېلوسىنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن قانۇن بويىچە ئاددى تەرتىپ قوللىنىپ،تەنھا سوتچى2013-يىلى4-ئاينىڭ22-كۇنى ئوچۇق سوت قىلىپ قاراپ چىقتى. مۇشۇ دېلودىكى دەۋاگەر مىجىت سىيىت سوتقا كېلىپ، دەۋا پائالىيىتىگە قاتناشتى.جاۋاپكار تۇرغۇنجان قۇربانگە سوتقا قاتنشىشقا چاقىرق يازغان بولساقمۇ ئورۇنسىز سەۋەپ بىلەن سوتقا قاتانشمىدى. ھازىر بۇ دېلونى قاراپ چىقىش ئاياغلاشتى.

   دەۋاگەر ئەرزىدە«جاۋاپكار تۇرغۇنجان قۇربان 2012-يىلى6-ئاينىڭ3-كۇنى مەندىن قەرز ھۆججىتى يىزىپ35مىڭ يۇەن قەرز ئالغان ئىدى.مەن جاۋاپكاردىن كۆپ قىتىم قەرزنى سۇيلىگەن بولساممۇ تاكى ھازىرغىچە قايتۇرۇپ بەرمىدى،سوت مەھكىمىسى جاۋاپكار مەندىن قەرز ئالغان35مىڭ يۇەننى ئىلىپ بەرسە» دەپ ئەرز قىلدى.

   دەۋاگەرنىڭ ئۆزىنىڭ تەشەببۇسىغا قارىتا تۆۋەندىكى دەلىل –ئىسپاتى.

  1- ئىسپات:جاۋاپكارنىڭ2012-يىلى6-ئاينىڭ3-كۇنى دەۋاگەرگە يىزىپ بەرگەن ھۆججىتى بولۇپ،جاۋاپكارنىڭ دەۋاگەردىن35مىڭ يۇەن پۇل قەرز ئالغانلىغى ۋە 9-ئاينىڭ15-كۇنىدىن بۇرۇن قايتۇرۇپ بىرىدىغانلىغىنى ئىسپاتلايدۇ.

  2-ئىسپات:2013-يىلى1-ئاينىڭ9-كۇنىدىكى جاۋاپكارنىڭ دەۋاگەرگە يىزىپ بەرگەن ھۆججىتى بولۇپ،35مىڭ يۇەن قەرز ئالغانلىغى ۋە بۇ پۇلنى2013-يىلى1-ئاينىڭ25-كۇنىدىن بۇرۇن قايتۇرۇشقا ۋەدە قىلغانلىغىنى ئىسپاتلايدۇ.

  جاۋابكارغا سوتقا قاتنىشىشقا چاقىرىق يازغان بولساقمۇ ئورۇنسىز سەۋەپ بىلەن سوتقا قاتناشمىدى،جاۋاپ ئەرزمۇ تاپشۇرمىدى.    

   سوت قىلىپ ئېنىقلىشىمىزچە:جاۋاپكار،دەۋاگەرنىڭ قىزىنىڭ ساۋاقدىشى بولۇپ،2012-يىلى6-ئاينىڭ3-كۇنى دەۋاگەردىن35مىڭ يۇەن قەرز ئىلىپ،«مىجىت سىيىتتىن35يۇەن ئالدىم،9-ئاينىڭ15-كۇنىدىن بۇرۇن قايتۇرۇپ بىرىمەن»دەپ ھۆججەت يىزىپ بەرگەن.ھۆججەتتە بەلگۇلەنگەن مۆھلەت توشقان بولسىمۇ قايتۇرۇپ بەرمەي2013-يىلى1-ئاينىڭ9-كۇنى يەنە«مىجىت مەلىمدىن35مىڭ يۇەن ئالدىم،مەن بۇ پۇلنى2013-يىلى1-ئاينىڭ25-كۇنى قايتۇرۇپ بىرىمەن»دەپ ھۆججەت بەرگەن.جاۋاپكارنىڭ 2-قىتىملىق ھۆججىتىدە بەلگۇلەنگەن مۇددەت توشقان بولسىمۇ،قەرزنى قايتۇرمىغاندىن كىيىن دەۋاگەر جاۋاپكاردىن قەرز بەرگەن پۇلنى ئىلىپ بىرىشىنى تەلەپ قىلىپ ئەرز قىلىپ كەلگەن.

  يۇقارقى پاكىتلار:دەۋاگەر كۆرسەتكەن ئىككى تۇرلۇك ھۆججەت ۋە دەۋاگەرنىڭ سوتتىكى بايانىغا ئاساسەن بىكىتىلگەن بولۇپ،دىلو پاكىتىنى بىكىتشىنىڭ ئاساسى بولالايدۇ.

   مەھكىممىزنىڭ قارشىچە:قانۇنلۇق قەرز مۇناسىۋىتى قانۇن تەرپىدىن قوغدۇلىدۇ.دەۋاگەر،جاۋاپكارغا پۇل قەرز بەرگەن،جاۋاپكار دەۋاگەرگە قەرزدارلىق ھۆججىتى يىزىپ بەرگەن،شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدا ھەقدارلىق،قەرزدارلىق مۇناسىۋىتى شەكىللەنگەن.دەۋاگەرنىڭ جاۋاپكاردىن قەرز ئالغان پۇلنى قايتۇرۇپ بىرىشنى تەلەپ قىلىشى يوللۇق،قوللاشقا بولىدۇ.جاۋاپكار مۇددىتى توشقان قەرزنى دەرھال دەۋاگەرگە قايتۇرۇپ بىرىشى كىرەك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ توختام قانۇنى » نىڭ107-،206-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىندى

  جاۋاپكار تۇرغۇنجان قۇربان،دەۋاگەردىن قەرز ئالغان35مىڭ يۇەننى ھۆكۇم قانۇنى كۇچكە ئىگە بولۇپ ئۇچ كۇن ئىچىدە دەۋاگەر مىجىت سىيىتگە قايتۇرۇپ بەرسۇن.

دەۋا ھەققى338يۈەننى جاۋاپكار ئۈستىگە ئالسۇن.

   بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولمىغان تەرەپ ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ15كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە نارازىلىق ئەرز تاپشۇرسا، ھەمدە قارشى تەرەپ دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئادەم سانى بويىچە نارازىلىق ئەرزنىڭ كۆچۈرمىسىنى قوشۇپ تاپشۇرۇپ مەھكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاسىتە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرز بېرىشكە بولىدۇ.

                         سوتچى:    مەمەترەھىم ساۋۇت

                           

                   

2013-يىلى 5-ئاينىڭ11-كۈن   

                          پۈتۈكچى:    ئادىلجان ئابلىمىت

案由:民间借贷

原告:米吉提

被告:图尔洪江

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆喀什市人民法院网

关闭窗口