添加收藏 / 设为首页

此页面上的内容需要较新版本的 Adobe Flash Player。

获取 Adobe Flash Player

当前位置: 维文裁判文书 -> 民事文书

原告阿不都卡尔被告买买提吐逊交通事故责任纠纷

2013-11-05 13:20:43


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايونى

قەشقەر شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

ھەق تەلەپ ھۆكۇمنامىسى

            (2013 ) ق ش س ھ د چىقىش935-نومۇرلۇق

               دەۋاگەر:ئابدۇقادىر ئابدۇرىھىم،ئەر،ئۇيغۇر،

           ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى:ئاتىكەم مەمەت،ئايال،ئۇيغۇر،

             ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى:مەمەتتۇرسۇن ھىبىبۇللا،

             جاۋابكار:مەمەتتۇرسۇن ھەسەن،ئەر،ئۇيغۇر،

             ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى:تۇرغۇنجان جۈمە،

   جاۋاپكار:جۇڭگۇ خەلق مال-مۈلۈك سۇغۇرتىسى چەكلىك پاي شىركىتى

     ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى:روڭ جى شا،

   مەھكىمىمىز دەۋاگەر ئابدۇقادىر ئابدۇريىمنىڭ جاۋاپكار مەمەتتۇرسۇن ھەسەن،جاۋاپكار جۇڭگۇ خەلق مال-مۈلۈك سۇغۇرتىسى چەكلىك پاي شىركىتى كونىشەھەر تارماق شىركىتى ئۈسىتىدىن ئەرىز قىلغان قاتناش ھادىسسى مەسئۇلىيەت جاۋاپكارلىغى ماجرا دىلۇسىنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن قانۇن بويىچە كىڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ ئوچۇق سوت ئىچىپ قاراپ چىقتى،مۇشۇ دىلۇدىكى دەۋاگەرنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى ئاتىكەم مەمەت،مەمەتتۇرسۇن ھىبىبۇللا،جاۋاپكار مەمەتتۇرسۇن ھەسەن ۋە ئۇنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى تۇرغۇنجان جۇمەلەر سوتقا كىلىپ دەۋا پائالىيىتىگە قاتناشتى،ھازىر بۇ دىلۇ سوت قىلىپ ئاياقلاشتۇرۇلدى.

دەۋاگەرنىڭ دەۋا تەلىۋىدە:‹‹2012-يىلى10-ئاينىڭ19-كۇنى چۇشتىن كىيىن مەن قەشقەر ۋىلايەتلىك دورا شىركىتى ئائىلە قورۇسىنىڭ ئالدىدىكى يولدا توكسىكىلىتنى ھەيدەپ جەنۇپتىن شىمالغا قاراپ ئۆز يولۇمدا كىتىۋاتقاندا،جاۋاپكار مەمەتتۇرسۇن ھەسەن، جاۋاپكار جۇڭگۇ مال-مۇلۇك سۇغۇرتا پاي چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قەشقەر شۆبە شىركىتىگە سۇغۇرتىلىتىلغان***新Qنۇمۇرلۇق ئاپتومۇبىلنى ھەيدەپ،دورا شىركەت ئائىلە قورۇسىدىن تۇيۇقسىز چىقىپ مىنى سوقۇپ زەخمىلەندۇردى.ۋەقەدىن كىيىن قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسىغا ئىلىپ بىرىلىپ داۋالاندىم.قەشقەر شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساخچى چوڭ ئەترىتى ۋەقەنى تەكشۇرۇپ،مەمەتتۇرسۇن ھەسەن ۋەقەدە بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۇستىگە ئالىدۇ،ئابدۇقادىر ئابدۇريىم ۋەقەدە مەسئۇلىيەتسىز دەپ ئىتىراپنامە چىقاردى.ۋەقەدە مىنىڭ بەل ئومۇرتقام يىرىلىش خاراكتىرلىك سۇنغان بولۇپ،دوختۇرخانىدا18كۇن يىتىپ ئوبىراتسىيە قىلىنىپ،پولات تاختا ئورنۇتۇلدى.ھازىر بەل ئومۇرتقام ئىگىلمەي تۇرمۇشتا ئىغىر قولايسىزلىقلارنى ئىلىپ كەلدى.چىڭيەن ئەدلىيىلىك باھالاش ئورنى 9-دەرجىلىك مىيىپ بولغان،كىيىنكى داۋالىنىش ئۇچۇن10مىڭ يۇەن ئەتراپىدا چىقىم كىتىدۇ،كۇتۇنۇش ۋاختى60كۇن،ئوزۇقلىنىش ۋاختى60كۇن،ئىشتىن قىلىش ۋاختى150كۇن دەپ باھالاپ چىقتى.جاۋاپكار مىنىڭ كۆپ قىسىم داۋالاش چىقىملىرىمنى تۆلىگەن بولسىمۇ دەۋا تەلىۋىمدىكى چىقىملىرىنى تۆلەپ بەرمىگەنلىگى ئۇچۇن سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم.سوت مەھكىمىسى داۋالنىش چىقىمى4171.41يۇەن،ئىشتىن قىلىش ھەققى26280.8يۇەن،تاماق ياردەم پۇلى1500يۇەن،قارغۇچىنىڭ قاراش ھەققى16704.8يۇەن،مىيىپىلىك تۆلەم پۇلى71684يۇەن،كىيىنكى داۋالىنىش چىقىمى10مىڭ يۇەن،باھالاش ھەققى2920يۇەن،ماتىريال كۆپەيتىش ھەققى131.5يۇەن،قاتناش ھەققى135يۇەن،روھى زىيان تۆلىمى10مىڭ يۇەن،يۇقارقى جەمئى143977.52يۇەندىن120مىڭ يۇەننى جاۋاپكار سۇغۇرتا شىركىتى،قالغان23977.52يۇەننى جاۋاپكار مەمەتتۇرسۇن ھەسەن ئۇستىگە ئىلىپ تۆلىتىپ ئىلىپ بىرىشىنى تەلەپ قىلىمەن.»دەپ دەۋا قىلدى.

   دەۋاگەر ئۆزىنىڭ تەشەببۇسىغا قارىتا كۆرسەتكەن دەلىل –ئىسپاتى.

   1-ئىسپات:دەۋاگەرنىڭ كىملىك ئىسپاتى ۋە نوپوس ئىسپاتىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى بولۇپ،ئىسپاتلاش نىشانى:دەۋاگەرنىڭ سالاھىيىتىنى ۋە دەۋاگەرنىڭ نوپوس خاراكتىرىنىڭ شەھەر نوپوس ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

   2-ئىسپات:2012-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى قاتناش ھادىسىسى ئىتراپنامىسى بولۇپ،ئىسپاتلاش نىشانى:2012-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى قاتناش ھادىسىسى يۈزبەرگەنلىكىنى، جاۋابكار مەمەتتۇرسۇن ھەسەننىڭ ھادىسىدە تولۇق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

  3-ئىسپات:11پارچە داۋالىنىش تەكشۈرتۈش تالونى بولۇپ،ئىسپاتلاش نىشانى:دەۋاگەرنىڭ داۋالىنىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ يىنىدىن 4171.41يۈەن چىقىم قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

  4-ئىسپات:2013-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى شىنجاڭ چىڭيۈەن ئەدىلىيەلىك باھالاش ئورنىنىڭ باھالاش پىكىرنامىسى ۋە باھالاش ھەققى تالونى (ئۈچ پارچە) بولۇپ،ئىسپاتلاش نىشانى:دەۋاگەرنىڭ 9-دەرىجىلىك مىيىپلىقىنى، كىيىنكى داۋالىنىش چىقىمىنىڭ 10مىڭ يۈەن، قاراش مۇددىتىنىڭ 60كۈن، ئوزۇقلىنىش ۋاختىنىڭ 60كۈن، ئىشتىن قىلىش كۈنىنىڭ 150كۈن ئىكەنلىكىنى، دەۋاگەرنىڭ بالاش ھەققى ئۈچۈن 2920يۈەن چىقىم قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

  5-ئىسپات:ماتىرىيال كۆپەيتىش ھەققى تالونى(ئىككى پارچە)بولۇپ،ئىسپاتلاش نىشانى:دەۋاگەرنىڭ ماتىرىيال كۆپەيتىش ھەققى ئۈچۈن 131.5يۈەن چىقىم قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

  6-ئىسپات:قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئۈچ پارچە دىئاگونۇز ئىسپاتى ۋە كىسەللىك تارىخى ئارخىۋى بولۇپ،ئىسپاتلاش نىشانى:ھادىسە يۈزبەرگەندىن كىيىن دەۋاگەرنىڭ زەخمىلىنىپ بەل ئومۇرۇتقىسىنىڭ يىرىلىش خاراكتىرلىك سۇنۇپ داۋالانغانلىقىنى، دەۋاگەرنىڭ ياتاقتا ياتقان كۈنىنىڭ 18كۈن، دوختۇرنىڭ ئارام ئالسۇن دەپ يىزىپ بەرگەن كۈنىنىڭ 79كۈن ئىكەنلىكىنى، بىر ئادەمنىڭ قارايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

  7-ئىسپات:27پارچە بەش يۈەنلىك تاكسى بىلىتى بولۇپ،ئىسپاتلاش نىشانى:دەۋاگەرنىڭ داۋالىنىش جەريانىدا قاتناش كىرا چىقىمى ئۈچۈن 135يۈەن چىقىم قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

  8-ئىسپات:شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى سىتاستىكا ئىدارىسىنىڭ سىتاستىكا جەدىۋىلى بولۇپ،ئىسپاتلاش نىشانى:دەۋاگەرنىڭ ئىشتىن قىلىش چىقىمى ۋە باشقا چىقىملارنى مۇشۇ سىتاستىكا جەدىۋىلى بويىچە ھىسابلاپ چىقارغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

   جاۋاپكار مەمەتتۇرسۇن ھەسەن جاۋابىدا:‹‹قاتناش ھادىسىسىنىڭ يۈزبەرگەنلىكى راس. مەن دەۋاگەرنىڭ داۋالىنىش چىقىمى ئۈچۈن 39631.52يۈەن، مۇتەخەسىس پۇلى ئۈچۈن 4000يۈەن تۆلەپ بەردىم. مىنىڭ ماشىنام سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلغان، دەۋاگەرنىڭ قانۇنلۇق بولغان چىقىملىرىنى سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەپ بەرسە بولىدۇ.››دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.

جاۋاپكار مەمەتتۇرسۇن ھەسەن ئۆزىنىڭ تەشەببۇسىغا قارىتا كۆرسەتكەن دەلىل –ئىسپاتى.

   1-ئىسپات:سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرغانلىق ئىسپاتى بولۇپ،ئىسپاتلاش نىشانى:ھادىسە سادىر قىلغان ماشىننى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

   2-ئىسپات:قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئۈچ پارچە تالونى بولۇپ،ئىسپاتلاش نىشانى:جاۋابكارنىڭ، دەۋاگەرنىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن 39631.52(دوختۇرخانىغا ئالدىن تاپشۇرغان پۇل42500يۇەن)يۈەن چىقىم قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇ ئىسپاتقا قارتا دەۋاگەر«چىنلىقىنى ئىتراپ قىلىمەن. 42500يۈەننىڭ ئىچىدە 3000يۈەننى دەۋاگەر ئۆزى تاپشۇرغان، بىز دەۋا تەلەپتە جاۋابكار تۆلەپ بولغان پۇلنى تەلەپ قىلمىغان، شۇڭا بۇ ئىسپاتنىڭ بۇ دىلو بىلەن باغلىنىشلىقى يوق.»دەپ باشقىچە پىكىر بەردى.

  3-ئىسپات:2012-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ پۇل ئىلىش تالونى بولۇپ،ئىسپاتلاش نىشانى:جاۋابكارنىڭ،دەۋاگەرگە كىسەللەرنىڭ كىيىمىنى ئىلىش ئۈچۈن 100يۈەن چىقىم قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

  4-ئىسپات:قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ دىئاگونۇز ئىسپاتى بولۇپ،ئىسپاتلاش نىشانى:جاۋابكارنىڭ، دەۋاگەرنى مۇتەخەسىسكە كۆرسىتىش ئۈچۈن 4000يۈەن چىقىم قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

  جاۋابكار:جۇڭگۇ خەلق مال-مۈلۈك سۇغۇرتىسى پاي چەكلىك شىركىتى «:ماشىننىڭ بىزنىڭ شىركەتكە سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلغانلىقى راس، بىز دەۋاگەرنىڭ 150كۈنلىك ئىشتىن قىلىش كۈنىنىڭ بىر كۈنلىكىنى 88.66يۈەن بويىچە تۆلەپ بىرىمىز، ئوزۇقلىنىش 60كۈن ، بىر كۈنىگە 25يۈەندىن بىرىمىز، قاراش كۈنى 60كۈنگە، بىر كۈنىگە 88.66يۈەندىن بىرىمىز، مىيىپلىق تۆلەم پۇلىغا 15514يۈەن بىرىمىز، كىيىنكى داۋالىنىش چىقىمى 10مىڭ يۈەننى ئىتراپ قىلمايمىز، باھالاش ھەققى ۋە ماتىرىيال كۆپەيتىش ھەققى، روھى زىيان تۆلىمىنى ئىتراپ قىلمايمىز، قاتناش چىقىمى 135يۈەننى ئىتراپ قىلىمىز.»دەپ جاۋاپ بەردى.

   سوتتا تەكشۇرۇپ ئىنىقلىشىمىزچە:2012-يىلى10- ئاينىڭ91-كۇنى سائەت19دىن20مىنۇت ئۆتكەندە ، جاۋاپاكار مەمەتتۇرسۇن ھەسەن ئۆزىنىڭ ئىگىدارچىلىغىدىكى ،جاۋاپكار جۇڭگۇ خەلق مال-مۈلۈك سۇغۇرتىسى چەكلىك پاي شىركىتى مەجبۇرىي سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلغان،***新Qنۇمۇرلۇق ئاپبۇمۇبىلىنى ھەيدەپ،ياۋاغ يولى دورا شىركەت ئائىلە قورۇسىدىن چىقىپ،كىرەمباغ تەرەپكە بۇرۇلماقچى بولغاندا،مۇشۇ يولدا جەنۇپتىن شىمالغا يۆنىلىشتە ئىككى چاقلىق توكلۇق ھارۋىنى ھەيدەپ ئۆز يولىدا كىلىۋاتقان دەۋاگەر ئابدۇقادىر ئابدۇريىم بىلەن سوقۇلۇپ،ھادىسسىدە ئابدۇقادىر ئابدىريىم زەخمىلەنگەن.دەۋاگەرنى قەشقەر ۋىلايەتلىك1-خەلق دوختۇرخانىسىغا ئىلىپ بىرىلىپ داۋالىتىلغان.جاۋاپكار مەمەتتۇرسۇن ھەسەن داۋالاش ھەققى ئۇچۇن 36631.52(تالۇندا39631.52يۇەن يىزىلغان)يۇەن،مۇتەخەس ھەققى ئۇچۇن4000يۇەن تۆلىگەن.دەۋاگەردوختۇرخانىدا بالىنىس شارائىتىدا 18كۇن داۋالانغان.دەۋاگەر داۋالىنىش چىقىمى ئۇچۇن ئۆزى 4172.49يۇەن چىقىم قىلغان.قەشقەر شەھەر لىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساخچى چوڭ ئەترىتى شۇ قىتىملىق قاتناش ۋەقەسىدە مەمەتتۇرسۇن ھەسەن تولۇق مەسئۇلىيەتنى ئۇستىگە ئالىدۇ دەپ قاتناش ھادىسسى قارارنامىسى چىقارغان.دەۋاگەر شىنجاڭ جەۋلان ئادۋۇكاتلىق ئىشلىرى ئورنى ئارقىلىق2013-يىلى1-ئاينىڭ18-كۇنى شىنجاڭ چىڭ يۇەن ئەدلىيىلىك باھالاش ئورنىغا «ئۆزنىڭ مىيىپلىق دەرجىسىنى،بۇنىڭدىن كىيىنكى داۋالىنىش ھەققىنى، كۇتۇنۇش ۋاختى، ئوزۇقلۇق تولۇقلاش ۋاختى،ئىشتىن قىلىش ۋاخـتى »نى باھالاپ بىرىشنى ئىلتىماس قىلغان.بۇ ئورۇن،2013-يىلى1-ئاينىڭ22-كۇنى«1-باھالانغۇچى ئابدۇقادىر ئابدۇرىيىمنىڭ 1-بەل ئومۇرتقا يىرىلىش خاراكتىرلىق سۇنۇقتىن ،قاتناش ھادىسسى 9-دەرجىلىك مىيىپلىكنى كەلتۇرۇپ چىقارغان،2-كۇتۇنۇش ۋاختى60كۇن3-ئوزۇقلۇق تولۇقلاش ۋاختى60كۇن ، 4-ئىشتىن قىلىش ۋاختى150كۇن، » دەپ 56-نۇمۇرلۇق باھالاش پىكىر نامىسى چىقارغان.دەۋاگەر باھالاش ھەققى ئۇچۇن2900يۇەن،ماتىريال كۆپەيتىش ئۇچۇن131.50يۇەن جەمئى3031.50يۇەن تۆلىگەن.قاتناش كىراسى ئۇچۇن135يۇەن چىقىم قىلغان.

   يۇقارقى پىكىتلار دەۋاگەر كۆرسەتكەن سەككىز تۇرلۇك،جاۋاپكار مەمەتتۇرسۇن ھەسەن كۆرسەتكەن تۆت تۇرلۇك دەلىل-ئىسپاتقا ۋە دەۋالاشقۇچىلارنىڭ سوتتىكى بايانىغا ئاساسەن بىكىتىلگەن بولۇپ،دىلو پاكىتىنى بىكىتىشنىڭ ئاساسى بولالايدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى:پۇخرالارنىڭ تەن ساقلىق ھوقۇقى قانۇن تەرپىدىن قوغدۇلىدۇ.جاۋاپكار مەمەتتۇرسۇن ھەسەن قاتناش ۋاستىسىنى بەلگۇلىمە بويىنچە ھەيدىمەي دەۋاگەرئابدۇقادىر ئابدۇريىمنىڭ زەخمىلىنىپ مىيىپ بولۇشتەك ئاقىۋەت كىلىپ چىققان.دەۋاگەرنىڭ قاتناش ھادىسسى سەۋەپلىك كىلىپ چىققان زىياننى مەسئۇلىيەت دائىرسى بويىنچە تەلەپ قىلىشى يوللۇق،قوللاشقا بولىدۇ.شىنجاڭ چىڭيۇەن ئەدلىيىلىك باھالاش ئورنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەستىقى بىلەن قۇرۇلغان قانۇنلۇق ئورۇن بولۇپ،بۇ ئورۇننىڭ باھالاشنامىسىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى داۋالىنىش ھەققىدىن باشقا قىسمى ۋە باھالاش ھەققى تالۇنىنى بىكىتىشكە بولىدۇ.دەۋاگەرنىڭ ئىشتىن قىلىش ھەققى،تاماق ياردەم پۇلى،ئوزۇقلۇق تولۇقلاش ھەققى،قارغۇچى ھەققى جەھەتتىكى كۇنلۇك تۆلەم ئۆلچىمى،مىيىپلىك تۆلەم ئۆلچىمى مۇناسىۋەتىك بەلگۇلىمىلەرنىڭ روھىغا ئۇيغۇن بولۇپ،بىكىتىشكە بولىدۇ.باھالاش ھەققى،ماتىريال كۆپەيتىش ھەققى، قاتناش كىرا چىقىمى قاتارلىقلار تالۇننى ئاساس قىلغان بولۇپ،بۇنىمۇ بىكىتىشكە بولىدۇ.دەۋاگەر ئىشتىن قىلىش كۇن سانى ۋە قارىغۇچىنىڭ قاراش كۇن سانىنى ئارتۇق ھىساپلاپ قويغان.گەرچە دوختۇرخانىنىڭ دىئاگىنۇز ئىسپاتى بولسىمۇ،دەۋاگەر دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كىيىن ئۆزى ئىلتىماس قىلىپ باھالاتقان شۇڭا باھالاشنامىنى ئاساس قىلىپ،ئىشتىن قىلىش كۇن سانى 150كۇن،كۇتۇنۇش كۇن سانىنى60كۇن دەپ بىكىتىش كىرەك.دەۋاگەر روھى زىيان تۆلىمى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ روھى زىيان جەھەتتە كونكىرىتنى ئىسپات كۆرسۇتۇپ بەرمىگەنلىگى ئۇچۇن دەلىل-ئىسپات كۆرسۇتۇپ بىرەلمەسلىك ئاقىۋىتىنى ئۇستىگە ئىلىشى كىرەك.دەۋاگەرنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى داۋالىنىش چىقىمى10000يۇەن تىخى شەكىللەنمىگەن زىيان بولغانلىغى ئۇچۇن بۇنى بىكىتىشكە بولمايدۇ،شەكىللەنگەندىن كىيىن ئايرىم دەۋا قىلىشقا تىگىشلىك.دەۋاگەرنىڭ زىيىنى،داۋالىنىش ھەققى 4171.41يۇەن(بۇنىڭ ئىچىدە بالىنىس شارائىتىدىكى داۋالىنىش ھەققى3000يۇەن بار بولۇپ،قالغان بالىنىس شارائىتىدىكى چىقىم ئۇچۇن جاۋاپكار36631.52يۇەن تاپشۇرغان)ئىشتىن قىلىش ھەققى16704.8يۇەن،تاماق ياردەم پۇلى18كۇنگە450يۇەن،قارىغۇچى ھەققى 6384يۇەن،ئوزۇقلىنىش ھەققى1500يۇەن،مىيىپلىق تۆلەم71684يۇەن، باھالاش ھەققى،ماتىريال كۆپەيتىش ھەققى3031.50يۇەن،قاتناش كىرا چىقىمى135يۇەن،جەمئى 104060.71يۇەندىن جاۋاپكار جۇڭگۇ خەلق مال-مۈلۈك سۇغۇرتا پاي چەكلىك مەسۇلىيەت شىركىتى كونىشەھەر ناھايىلىك تارماق شىركىتى قاتناش ھادىسسى مەجبۇرىي سۇغۇرتا دائىرسىدە دەۋالىنىش پۇلىدىن4171.41يۇەن،مىيىپلىق تۆلەم پۇلى71684يۇەن،ئىشتىن قىلىش پۇلى16704.8يۇەن،قارىغۇچى ھەققى6384يۇەن، قاتناش كىرە چىقىمى135يۇەن، جەمئى99079.21يۇەننى ئۇستىگە ئىلىپ تۆلەپ بىرىشكە تىگىشلىك.قالغان زىيان4981.15يۇەننى جاۋاپكار مەمەتتۇرسۇن ھەسەن ئۇستىگە ئىلىپ تۆلەپ بىرىشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى سۇغۇرتا قانۇنى»نىڭ 14-ماددىسى،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنى»نىڭ 76-ماددىسى،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىىتىنىڭ ھوقۇققا چىقىلىش جاۋاپكارلىغى قانۇنى»نىڭ48-ماددىسىنىڭ بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىندى:

1-جاۋاپكار جۇڭگۇ خەلق مال-مۈلۈك سۇغۇرتا پاي چەكلىك مەسۇلىيەت شىركىتى، دەۋاگەرنىڭ زىيىنى99079.21يۇەننى دەۋاگەر ئابدۇقادىر ئابدۇريىمغا ھۆكۇم كۇچكە ئىگە بولۇپ15كۇن ئىچىدە بەرسۇن.

2-جاۋاپكار مەمەتتۇرسۇن ھەسەن،دەۋاگەرنىڭ زىيىنى4981.15يۇەننى دەۋاگەر ئابدۇقادىر ئابدۇريىمغا ھۆكۇم كۇچكە ئىگە بولۇپ10كۇن ئىچىدە بەرسۇن.

   3-دەۋاگەرنىڭ ئارتۇق دەۋا تەلىۋى رەت قىلىندى.

  ئەگەر جاۋاپكار بەلگۇلەنگەن مۇددەت ئىچىدە ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ داۋا قانۇنى»نىڭ253-ماددىسىنىڭ بەلگۇلىمىسىگە ئاساسەن ھەسسىلەپ ئۆسۇم قوشۇپ تۆلەيدۇ.

دەۋا ھەققى3180يۇەندىن2298 يۇەننى جاۋاپكار مەمەتتۇرسۇن ھەسەن،882يۇەننى دەۋاگەر ئۇستىگە ئالسۇن.(دەۋا ھەققى ئىلىنمىغان ئىجرا جەريانىدا تولۇقلاپ ئىلىنىپ مەھكىمىمىزگە تاپشۇردۇ.)

   ئەگەر بۇ ھۆكۇمگە قايىل بولمىغان تەرەپ ھۆكۇمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۇندىن باشلاپ 15 كۇن مەھكىمىمىزگە نارازىلىق ئەرىز تاپشۇرسا ھەمدە قارشى تەرەپ دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئادەم سانى بويىچە نارازىلىق ئەرىزنىڭ كۆچۇرۇلمىسىنى قوشۇپ تاپشۇرۇپ مەھكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋەستە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرىز بىرىشكە بولىدۇ.

                           باش سوتچى:    مەمەترەھىم ساۋۇت

                              سوتچى:    شادىيە ئابدۇشكۇر

                       خەلق زاسداتىلى:    چۈفۇگو 

                              2013-يىلى6-ئاينىڭ14-كۈنى

                             پۈتۈكچى:    ئادىلجان ئابلىمىت

案由:交通事故责任

原告:阿不都卡尔

被告:买买提吐逊

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆喀什市人民法院网

关闭窗口