添加收藏 / 设为首页

此页面上的内容需要较新版本的 Adobe Flash Player。

获取 Adobe Flash Player

当前位置: 维文裁判文书 -> 民事文书

原告阿曼故丽与被告阿布都苏甫尔民间借贷纠纷

2013-11-05 13:22:54


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

قەشقەر شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

 ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامىسى

                        (2013) ق ش س ھ د چىقىش 351 -نومۇرلۇق

    دەۋاگەر: ئامانگۇل تۇراق، ئايال، ئۇيغۇر،

    ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى:ئابدۇغولام ئابدۇللا،

   جاۋابكار: ئابدۇسوپۇر ئۆمەر، ئەر، ئۇيغۇر،

   مەھكىمىمىز دەۋاگەر ئامانگۇل تۇراقنىڭ، جاۋاپكار ئابدوسوپۇر ئۆمەر ئۇستىدىن ئەرىز قىلغان ئەل-ئارا قەرىز ماجرا دىلوسىنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن، قانۇن بويىچە ئاددى تەرتىپ قوللۇنۇپ ئوچۇق سوت قىلىپ قاراپ چىقتى. مۇشۇ دىلودىكى دەۋاگەر ئامانگۇل تۇراق ۋە ئۇنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى ئابدۇغۇلام ئابدۇللا سوتقا كىلىپ دەۋا پائالىيتىگە قاتناشتى، جاۋابكار ئابدوسوپۇر ئۆمەرگە سوتقا قاتنىشىش ئۇقتۇرىشى يەتكۈزگەن بولساقمۇ سەۋەپسىز سوتقا كەلمىدى، ھازىر بۇ دىلوغا قاراپ چىقىش ئاخىرلاشتى.

   دەۋاگەر «جاۋاپكار مەن بىلەن توي قىلىمەن دەپ ئارىلىشىش جەريانىدا ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا بارىدىغان بولۇپ ئوقۇش خىراجىتى ۋە تۇرمۇش خىراجىتى ئۈچۈن مەندىن بىر نەچچە قىتىمدا 50000يۇەن قەرز ئالغان ئىدى.جاۋاپكار ئوقۇشتىن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن مەن بىلەن توي قىلمايمەن دەپ تۇرىۋالغانلىقتىن يۇقارقى پۇلنى قايتۇرۇپ بىرىشىنى تەلەپ قىلسام «يۇقارقى 50000يۇەن قەرز پۇلنى 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى قايتۇرۇپ بىرىمەن» دەپ قەرىز ھۆججىتى يىزىپ بەرگەن ئىدى،پۇلنى قايتۇرۇش قەرەلى توشقان بولسىمۇ پۇلنى قايتۇرۇپ بەرمىدى.جاۋاپكارنى بىرنەچچە قىتىم ئىزدەپ سۈيلىگەن بولساممۇ يولسىزلىق قىلىپ پۇلنى قايتۇرۇپ بەرمىدى. شۇڭا سوت مەھكىمىسى جاۋابكاردىن قەرىز پۇل 50000يۈەننى ئىلىپ بەرسە»دەپ ئەرىز قىلدى.

   دەۋاگەر تەشەببۇسىنى قوللاش ئۇچۇن تۆۋەندىكى دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆرسەتتى.

   1-2010-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى قەرىز ھۆججىتىنى سوتقا تاپشۇرۇش ئارقىلىق، جاۋابكار ئابدۇسوپۇر ئۆمەرنىڭ 50000يۈەن قەرىز ئالغانلىقىنى، بۇ پۇلنى 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى قايتۇرىدىغانلىقى بەلگىلەنگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

   جاۋابكار ئابدۇسوپۇر ئۆمەرگە سوتقا قاتنىشىش ئۇقتۇرىشى يەتكۈزگەن بولساقمۇ سەۋەپسىز سوتقا كەلمىدى، ھەم قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە ئەرىزگە جاۋاپ يىزىپ تاپشۇرمىدى.

   تەكشۈرۈپ ئىنىقلىشىمىزچە:جاۋابكار ئابدۇسوپۇر ئۆمەر دەۋاگەر ئامانگۇل تۇراق بىلەن توي قىلىمەن دەپ 2009-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە ئارىلاشقان بولۇپ،بۇ جەرياندا جاۋاپكار ئۆزىنىڭ ئوقۇش خىراجىتى ۋە تۇرمۇش خىراجىتى ئۈچۈن دەۋاگەردىن بىر نەچچە قىتىمغا بۆلۈپ50000 يۇەن قەرز ئالغان.جاۋاپكار ئوقۇشتىن قايتىپ كىلىپ دەۋاگەر بىلەن توي قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقاندا دەۋاگەر يۇقارقى 50000 يۇەننى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.جاۋاپكار بۇ پۇلغا قارتا 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى«ئامانگۇلدىن 50000 يۇەن قەرز ئالدىم،بۇ پۇلنى 2012-يىلى11-ئاينىڭ 23-كۈنى قايتۇرىمەن»دەپ قەرىز ھۆججىتى يىزىپ بەرگەن. قەرز قايتۇرۇش قەرەلى توشقاندىن كىيىن دەۋاگەر جاۋاپكارنى بىرنەچچە قىتىم ئىزدەپ يۇقارقى پۇلنى سۈيلىگەن بولسىمۇ قايتۇرمىغانلىقتىن دەۋاگەر مەھكىمىمىزگە ئەرىز قىلغانلىقى ئىنىقلاندى.

   مەھكىممىز مۇنداق قارىدى:قانۇنلۇق قەرىز مۇناسىۋىتى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، جاۋاپكار دەۋاگەردىن قەرز ئىلىپ ھۆججەت يىزىپ بەرگەن،جاۋاپكار بىلەن دەۋاگەر ئوتتۇرسىدا قانۇنلۇق قەرىزدارلىق مۇناسىۋىتى شەكىللەنگەن. دەۋاگەرنىڭ، جاۋاپكاردىن قەرىز پۇل 50000يۈەننى ئىلىپ بەرسە دىگەن دەۋا تەلىۋىنىڭ پاكىت ئاساسى بار قوللاشقا بولىدۇ، جاۋاپكار زىممىسىدىكى قەرىز پۇلنى دەۋاگەرگە قايتۇرۇشتەك ھەق تەلەپ جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئىلىشقا تىگىشلىك دەپ قاراپ«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق-تەلەپ دەۋا قانۇنى»نىڭ 144-ماددىسى، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى توختام قانۇنى »نىڭ60-ماددا 1-تارمىقى، 107-ماددا، 206-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۇم قىلىندى.

   1-جاۋاپكار ئابدوسوپۇر ئۆمەر، زىممىسىدىكى قەرىز پۇل 50000 يۈەننى ھۆكۈم قانۇنى كۈچە ئىگە بولۇپ 10كۈن ئىچىدە دەۋاگەر ئامانگۇل تۇراققا قايتۇرسۇن.

   ئەگەر جاۋابكار بەلگىلەنگەن مۇددەتتە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى»نىڭ 253-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ھەسسىلەپ ئۆسۈم تۆلەيدۇ.

   دەۋا ھەققى 1050يۈەننىڭ يىرىمى، 525يۇەننى جاۋاپكارئۇستىگە ئالسۇن.

  ئەگەر بۇ ھۆكۇمگە قايىل بولمىغان تەرەپ ھۆكۇمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۇندىن باشلاپ15كۇن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە نارازىلىق ئەرىز تاپشۇرسا،ھەمدە قارشى تەرەپ دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئادەم سانى بويىنچە نارازىلىق ئەرىزنىڭ كۆچۇرمىسىنى قوشۇپ تاپشۇرۇپ مەھكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاستە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرىز بىرىشكە بولىدۇ.

             مۇۋەققەت سوتچى:    غىنىجان ئابدۇرىھىم

                    2012-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى

                   پۇتۇكچى:    ئادىلجان ئابلىمىت

案由:民间借贷

原告:阿曼故丽

被告:阿布都苏甫尔

 

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆喀什市人民法院网

关闭窗口