添加收藏 / 设为首页

此页面上的内容需要较新版本的 Adobe Flash Player。

获取 Adobe Flash Player

当前位置: 维文裁判文书 -> 民事文书

原告库尔班江与被告木沙江不当得利纠纷

2013-11-05 13:25:35


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

قەشقەر شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

 ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامىسى

               (2013) ق ش س ھ د چىقىش 354 -نومۇرلۇق

                      دەۋاگەر: قۇربانجان سىلىم

               ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى: مەخمۇتجان ئابلىكىم،

                      جاۋابكار: مۇساجان ياسىن

   مەھكىمىمىز دەۋاگەر قۇربانجان سىلىمنىڭ، جاۋاپكار مۇساجان ياسىن ئۇستىدىن ئەرىز قىلغان نامۇۋاپىق پايدىغا ئېرىشىش ماجرا دىلوسىنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن، قانۇن بويىچە ئاددى تەرتىپ قوللۇنۇپ ئوچۇق سوت قىلىپ قاراپ چىقتى. مۇشۇ دىلودىكى دەۋاگەر قۇربانجان سىلىم ۋە ئۇنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى مەخموتجان ئابلىكىم،جاۋاپكار مۇساجان ياسىنلار سوتقا كىلىپ دەۋا پائالىيتىگە قاتناشتى، ھازىر بۇ دىلوغا قاراپ چىقىش ئاخىرلاشتى.

   دەۋاگەر «مەن خىزمەتتە ئالدىراش بولغاچقا پىنسىيە ئىشىمنى بىر تەرەپ قىلىش ئىشىنى جاۋاپكارنىڭ ئايالى مەريەمگۇل موساغا ھاۋالە قىلىپ 2009-يىلى 11-ئايدا 15 مىڭ يۈەن پۇل بەرگەن ئىدىم،مەريەمگۇل مۇسا بۇ پۇلغا قارىتا «مەن قۇربانجان سىلىمنىڭ پىنسىيە ئىشىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 15 مىڭ يۈەن تاپشۇرۇپ ئالدىم،2010-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ئىش ھەل بولىدۇ،قالغاننى ئىش پۈتكەندىن كىيىن بىرىدۇ»دەپ ھۆججەت يىزىپ بەرگەن ئىدى.ھۆججەتكە مەريەمگۇل مۇسانىڭ ئىنىسى ئابدۇرىھىم موسا گۇۋاھچى بولۇپ قول قويغان ئىدى.لىكىن مەريەمگۇل موسا ئىشنى ئۆز ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلماي كەينىگە سۆرىۋەتتى.مەن ۋە ئۇرۇق تۇققانلىرىم كۆپ قىتىم سۈرۈشتۇرۇش جەريانىدا،جاۋاپكارمۇ بۇنىڭغا ئۆزىنىڭ مەسئول بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ئىدى.2010-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى مەريەمگۇل موسا تۇيۇقسىز قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ قازا قىلدى.شۇنىڭ بىلەن جاۋاپكارنى ئىزدەپ پۇلۇمنى قايتۇرۇپ بىرىشنى دىسەم،جاۋاپكار«ئايالىمنىڭ ئۆلىمى توغرىسىدا ئاتۇش شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇندۇم،ئازراق ۋاقىت بەرسىلە»دەپ ۋاقىتىنى ئورۇنسىز كەينىگە سۆرەپ ھازىرغىچە قايتۇرۇپ بەرمىدى. شۇڭا سوت مەھكىمىسى جاۋابكاردىن 15مىڭ يۈەننى ئىلىپ بەرسە»دەپ ئەرىز قىلدى.

  ھەمدە تەشەببۇسىنى قوللاش ئۇچۇن تۆۋەندىكى دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆرسەتتى.

   1-ئىسپات:جاۋاپكارنىڭ ئايالى مەريەمگۇل مۇسا يىزىپ بەرگەن 15 مىڭ يۈەننىڭ ھۆججىتىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى سوتقا تاپشۇرۇش ئارقىلىق، جاۋابكارنىڭ ئايالى مەريەمگۇل موسانىڭ دەۋاگەرنىڭ پىنسىيە ئىشىنى ھەل قىلىپ بىرىش ئۈچۈن 15 مىڭ يۈەن ئالغانلىقىنى،ئىش ھەل بولمىسا پۇل ئۆز پىتى قايتۇرىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.جاۋاپكار مۇساجان ياسىن«بۇ ھۆججەتتىكى پۇچۇركا ئايالىمنىڭ ئەمەس،ئىمزامۇ ئايالىمنىڭ ئەمەس،ئىتىراپ قىلمايمەن»دەپ باشقىچە پىكىرىنى بەردى.

     2-ئىسپات:ئاتۇش شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جىنايى ئىشلار قوشۇمچە ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامىسىنى سوتقا تاپشۇرۇش ئارقىلىق، مەريەمگۇل موسانىڭ جاۋاپكارنىڭ ئايالى ئىكەنلىكىنى،2010-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى قاتناش ھادىسىسىدە قازا قىلغانلىقىنى،جاۋاپكار مۇساجان ياسىنغا 278026.4يۈەن ئۆلۈم تۆلەم پۇلى كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. جاۋاپكار مۇساجان ياسىن«مەن بۇ ئىسپاتنى ئىتىراپ قىلىمەن،لىكىن ھۆكۈمنامىدە بۇيرۇلغان پۇلنى مەن تىخى ئالمىدىم»دەپ پىكىرىنى بەردى.

   دەۋاگەرنىڭ ئىلتىماس قىلىشى،مەھكىمىمىزنىڭ قوشۇلىشى بىلەن گۇۋاھچى ھاۋاگۈل ئىلى سوتقا قاتنىشىپ گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈپ«مەن دەۋاگەرنىڭ ئايىلى،جاۋاپكارنىڭ ئايىلى بىلەن تۇنۇش،جاۋاپكار ئايالى مەريەمگۇل موسا ئالغان 15 مىڭ يۈەنگە قارىتا 2010-يىلى 9-ئاي مەزگىلدە 2 مىڭ يۈەن ئىلىپ كىلىپ ماڭا بەرگەن ئىدى،بۇ 2مىڭ يۈەنگە قارىتا ھۆججەت يىزىپ بىرەي دىسەم ھۆججەت ئالماي كەتكەن.قالغان 13 مىڭ يۈەننى ئىش ھەل بولمىسا مەن بىرىمەن دىگەنتى»دەپ گۇۋاھلىقتىن ئۆتتى. جاۋاپكار مۇساجان ياسىن«مەن 2 مىڭ يۈەن پۇلنى ئايالىمنىڭ نەۋرە سىڭلىسى نۇربىيەم بىلەن ئاپتۇۋۇز شىركەتكە ئاپىرىپ بەرگىنىم راست،پۇلنى نۇربىيەم ھاۋاگۈل ئىلىغا بەرگەن،لىكىن مەن بۇ 2 مىڭ يۈەننىڭ 15 مىڭ يۈەنگە قارىتا بىرىلگەن پۇل ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم»دەپ باشقىچە پىكىرىنى بەردى.

    دەۋاگەرنىڭ ئىلتىماس قىلىشى،مەھكىمىمىزنىڭ قوشۇلىشى بىلەن گۇۋاھچى نۇربىيەم مەمەت سوتقا قاتنىشىپ گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈپ«مەن دەۋاگەر بىلەن بۇرۇندىن تۇنۇش،جاۋاپكارنىڭ ئايالى مەريەمگۇل موسا مىنىڭ ھاممام بولىدۇ،ھاممام مەريەمگۇل موسا 15 مىڭ يۈەننى ئالغان يەردە مەن بار ئىدىم،شۇ چاغدا ھۆججەتنى مەن يىزىپ بەرگەن،مەريەمگۇل موسا قولىنى باسقان ئىدى،كىيىن مەن تاغام يەنى جاۋاپكار مۇساجان ياسىن بىلەن بىللە 2 مىڭ يۈەننى دەۋاگەرنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ بەرگەن،بۇ 2 مىڭ يۈەننىڭ 15 مىڭ يۈەنگە قارىتا قايتۇرۇلغان پۇل ئىكەنلىكىدىن جاۋاپكارنىڭمۇ خەۋىرى بار ئىدى،شۇ چاغدا جاۋاپكار قالغان 13 مىڭ يۈەننى ئىش ھەل بولمىسا ئۆزىنىڭ قايتۇرىدىغانلىقىنى دىگەن ئىدى »دەپ گۇۋاھلىقتىن ئۆتتى. جاۋاپكار مۇساجان ياسىن« مىنىڭ بۇ 2 مىڭ يۈەننىڭ 15 مىڭ يۈەنگە قارىتا بىرىلگەن پۇل ئىكەنلىكىدىن خەۋىرىم يوق،قالغان قىسمىنى ئىتىراپ قىلىمەن »دەپ باشقىچە پىكىرىنى بەردى.

    جاۋابكار موساجان ياسىن ياسىن جاۋابىدا « ئايالىم مەريەمگۇل موسا دەۋاگەرنىڭ پىنسىيە ئىشىنى ھەل قىلمەن دەپ 15 مىڭ يۈەن پۇل ئالغاندا ئايالىمنىڭ ئىنىسى ئابدۇرىھىم مۇسا گۇۋاھچى بولۇپ قول قۇيۇپتۇ،لىكىن مەن يولدىشى تۇرۇپ خەۋەر تاپماپتىمەن،ئايالىم ئەمدىلا 35 ياشقا كىرگەن ئائىلە ئايالى،مەن بولسام بىر ئادەتتىكى كادىر،دەۋاگەرنىڭ پىنىسىيە ئىشىنى ھەل قىلىش ئايالىمنىڭ ياكى مىنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدۇ،ئايالىمنىڭ ئىنىسى ئابدۇرىھىم موسا بۇ ئىشقا ۋەدە قىلىپ مەن ھەل قىلالايمەن دىمىگەن بولسا ئايالىم بۇ پۇلنى ماڭا مەسلىھەت سالماي ئالمىغان بولاتتى،ئىنىسىمۇ گۇۋاھچى بولۇپ قول قويمىغان بولاتتى.شۇڭا بۇ ئىشتىكى ئاساسلىق جاۋاپكار مەن ئەمەس بەلكى ئابدۇرىھىم موسا بۇلىشى كىرەك.مەريەمگۈل موسا قازا قىلغىلى ئىككى يىلدىن ئاشتى،دەۋاگەرنىڭ ئابدۇرىھىم موسانى ئىزدىمەي، ھىچ ئىشتىن خەۋىرىم يوق مىنى ئىزدەپ كىلىپ ئەرز قىلىشىنىڭ ھىچقانداق ئاساسى يوق،مەن بۇ پۇلنى بىرەلمەيمەن ، دەۋاگەر پۇلىنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئىشلەيدىغان ئابدۇرىھىم موسادىن ئىلىۋالسا بولىدۇ.» دەپ جاۋاپ بەردى.

  جاۋاپكار ئۆزىنىڭ تەشەببۇسىنى قوللاش ئۈچۈن سوتتا دەلىل-ئىسپات كۆرسەتمىدى.

   تەكشۈرۈپ ئىنىقلىشىمىزچە:جاۋابكار مۇساجان ياسىننىڭ ئايالى مەريەمگۇل موسا دەۋاگەر قۇربانجان سىلىمنىڭ پىنسىيە ئىشىنى ھەل قىلىپ بىرىمەن دەپ دەۋاگەردىن 15 مىڭ يۈەن ئالغان،ھەمدە بۇ پۇلغا قارىتا«قۇربانجان سىلىمنىڭ پىنسىيە ئىشىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 15 مىڭ يۈەن ئالدىم،قالغىنىنى ئىش پۈتكەندىن كىيىن بىرىدۇ،2010-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ئىش ھەل بولىدۇ،ھەل بولمىسا پۇل ئۆز پىتى قايتۇرىلىدۇ»دىگەن مەزموندا ھۆججەت يىزىپ بەرگەن.يۇقارقى مۆھلەتتە ئىش ھەل بولمىغاندىن كىيىن دەۋاگەر مەريەمگۇل مۇساغا پۇل قايتۇرۇشنى ئېيتقاندا 2010-يىلى 9-ئاي مەزگىلدە جاۋاپكار مۇساجان ياسىن يۇقارقى 15 مىڭ يۈەنگە قارىتا 2000 يۈەننى دەۋاگەرنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ بەرگەن،بۇ پۇلغا قارىتا ھۆججەت ئالمىغان ھەمدە پىنسىيە ئىشى ھەل بولمىسا قالغان پۇلنى ئۆزىنىڭ قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.2010-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى مەريەمگۇل مۇسا قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ قازا قىلغان، دەۋاگەر جاۋاپكارنى ئىزدەپ پۇل قايتۇرۇشنى دىگەندە،جاۋاپكار ئايالىنىڭ ئۆلىمى بىلەن ئاتۇرش شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سونغانلىقىنى،تۆلەم پۇلى ئالغاندىن كىيىن قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان،ئاتۇش شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار قوشۇمچە ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامىسى ئارقىلىق قاتناش ھادىسسى سادىر قىلغان ئابدۇريىمجان ئابدۇكىرىمنىڭ، جاۋاپكار مۇساجان ياسىن ۋە مەريەمگۇل مۇسانىڭ ئانىسى ھاشىخان سايىتلارغا 278026.4 يۈەن تۆلەم پۇلى بىرىش توغرىسىدا ھۆكۈم قىلغان.شۇنىڭدىن كىيىن دەۋاگەر جاۋاپكارنى ئىزدەپ قالغان 13 مىڭ يۈەننى سۈيلىگەن بولسىمۇ قايتۇرمىغانلىقتىن مەھكىمىمىزگە ئەرىز قىلغانلىقى ئىنىقلاندى.

   مەھكىممىز مۇنداق قارىدى:قانۇنلۇق ئاساسى يوق نامۇۋاپىق پايدىغا ئېرىشىپ باشقىلارغا زىيان يەتكۇزگەنلەر ئالغان نامۇۋاپىق پايدىسىنى زىيان تارتقۇچىغا قايتۇرىشى كىرەك،جاۋاپكارنىڭ ئايالى مەريەمگۇل مۇسا دەۋاگەرنىڭ پىنسىيە ئىشىنى ھەل قىلالمايدىغان تۇرۇقلۇق،نامۇۋاپىق پايدىغا ئېرىشىش مەقسىتىدە دەۋاگەرنىڭ پىنسىيە ئىشىنى ھەل قىلىپ بىرىشنى ئىغىزاكى توختاملىشىپ،دەۋاگەردىن 15 مىڭ يۈەن ئىلىپ قەرزدارلىق ھۆججىتى يىزىپ بەرگەن.دەۋاگەر بىلەن جاۋاپكارنىڭ ئايالى مەريەمگۇل مۇسانىڭ ئىغىزاكى تۇزگەن توختامىنىڭ مەزمۇنى قانۇنغا خىلاپ بولۇپ،ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدا تۇزۇلگەن ئىغىزاكى توختامنى ئىناۋەتىسىز ھەق تەلەپ ھەركىتى دەپ بىكىتىش كىرەك.مەريەمگۇل مۇسا نامۇۋاپىق ئېرىشكەن 15 مىڭ يۈەننى دەۋاگەرگە قايتۇرۇشتەك ھەق تەلەپ جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئىلىشقا تىگىشلىك بولسىمۇ مەريەمگۇل مۇسا ئۆلۇپ كەتكەن.مەريەمگۇل موسا يۇقارقى پۇلنى جاۋاپكار مۇساجان ياسىن بىلەن ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان مەزگىلدە ئالغان ھەمدە يۇقارقى پۇلدىن2000يۇەننى،جاۋاپكار مۇساجان ياسىن دەۋاگەرگە قايتۇرۇپ بەرگەن.شۇڭا جاۋاپكارنىڭ ئايالى مەريەمگۇل مۇسانىڭ دەۋاگەردىن ئالغان پۇلنى ئەر-خوتۇننىڭ ئورتاق قەرزى دەپ بىكىتشكە بولىدۇ.مەريەمگۇل مۇسا قايتۇرۇشقا تىگىشلىك قەرزنى جاۋاپكار مۇساجان ياسىن قايتۇرۇشقا تىگىلشىك دەپ قاراپ « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق-تەلەپ قانۇنى ئومومى قائىدىسى»نىڭ 58-ماددا 5-تارمىقى، 92-ماددىسى،ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى نىكاھ قانۇنى»نى تەدبىقلاشتىكى بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھاتى(2)نىڭ 26-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۇم قىلىندى.

   جاۋاپكار مۇساجان ياسىن ،ئايالى مەريەمگۇل مۇسانىڭ دەۋاگەرگە قايتۇرۇشقا تىگىشلىك13000 يۈەن پۇلنى ھۆكۈم قانۇنى كۈچە ئىگە بولۇپ 10كۈن ئىچىدە دەۋاگەر قۇربانجان سىلىمغا قايتۇرسۇن.

   ئەگەر جاۋابكار بەلگىلەنگەن مۇددەتتە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى»نىڭ 253-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ھەسسىلەپ ئۆسۈم تۆلەيدۇ.

   دەۋا ھەققى 176يۈەننىڭ يىرىمى، 88يۇەننى جاۋاپكارئۇستىگە ئالسۇن.

  ئەگەر بۇ ھۆكۇمگە قايىل بولمىغان تەرەپ ھۆكۇمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۇندىن باشلاپ15كۇن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە نارازىلىق ئەرىز تاپشۇرسا،ھەمدە قارشى تەرەپ دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئادەم سانى بويىنچە نارازىلىق ئەرىزنىڭ كۆچۇرمىسىنى قوشۇپ تاپشۇرۇپ مەھكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاستە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرىز بىرىشكە بولىدۇ.

             مۇۋەققەت سوتچى:    غىنىجان ئابدۇرىھىم

                    2013-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى

                   پۇتۇكچى:    ئادىلجان ئابلىمىت

案由:不当得利

原告:库尔班江

被告:木沙江

 

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆喀什市人民法院网

关闭窗口