添加收藏 / 设为首页

此页面上的内容需要较新版本的 Adobe Flash Player。

获取 Adobe Flash Player

当前位置: 维文裁判文书 -> 民事文书

原告买买提吐逊与被告阿扎提鼓励民间借贷纠纷

2013-11-05 13:27:51


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

قەشقەر شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

 ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامىسى

               (2013) ق ش س ھ د چىقىش 372 -نومۇرلۇق

                دەۋاگەر: مەمەتتۇرسۇن ئىبراھىم، ئەر، ئۇيغۇر،

                جاۋابكار: ئازاتگۇل يولداش، ئايال، ئۇيغۇر،

   مەھكىمىمىز دەۋاگەر مەمەتتۇرسۇن ئىبرايىمنىڭ، جاۋاپكار ئازاتگۇل يولداش ئۇستىدىن ئەرىز قىلغان ئەل-ئارا قەرىز ماجرا دىلوسىنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن، قانۇن بويىچە ئاددى تەرتىپ قوللۇنۇپ ئوچۇق سوت قىلىپ قاراپ چىقتى. مۇشۇ دىلودىكى دەۋاگەر مەمەتتۇرسۇن ئىبرايىم سوتقا كىلىپ دەۋا پائالىيتىگە قاتناشتى، جاۋابكار ئازاتگۇل يولداشقا سوتقا قاتنىشىش ئۇقتۇرىشى يەتكۈزگەن بولساقمۇ سەۋەپسىز سوتقا كەلمىدى، ھازىر بۇ دىلوغا قاراپ چىقىش ئاخىرلاشتى.

   دەۋاگەر «جاۋاپكار مەندىن 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى ئىككى قىتىمدا 43500 يۇەن قەرز ئالغان بولۇپ، بۇ پۇلدىن 8500يۇەننى قايتۇرۇپ بولۇپ 35000 يۇەن قالغاندا بۇ پۇلنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ بىرنەچچە قىتىم جاۋاپكارنى ئىزدەپ بارسام بۇ پۇلنى قايتۇرۇپ بىرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ يۇقارقى پۇلنى 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن قايتۇرۇپ بىرىمەن دەپ قەرىز ھۆججىتى يىزىپ بەرگەن ئىدى،پۇلنى قايتۇرۇش قەرەلى توشقان بولسىمۇ پۇلنى قايتۇرۇپ بەرمىدى.جاۋاپكارنى بىرنەچچە قىتىم ئىزدەپ سۈيلىگەن بولساممۇ ھازىرغىچە بۇ پۇلنى قايتۇرۇپ بەرمىدى. شۇڭا سوت مەھكىمىسى جاۋابكاردىن قىپ قالغان قەرىز پۇل 35000يۈەننى ئىلىپ بەرسە»دەپ ئەرىز قىلدى.

   ھەمدە تەشەببۇسىنى قوللاش ئۇچۇن تۆۋەندىكى دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆرسەتتى.

   1-ئىسپات:2011-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى قەرىز ھۆججىتىنى سوتقا تاپشۇرۇش ئارقىلىق، جاۋابكار ئازاتگۇل يولداشنىڭ 41000يۈەن قەرىز ئالغانلىقىنى، بۇ پۇلنى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە قايتۇرىدىغانلىقى بەلگىلەنگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

     2-ئىسپات:2011-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى قەرىز ھۆججىتىنى سوتقا تاپشۇرۇش ئارقىلىق، جاۋابكار ئازاتگۇل يولداشنىڭ 2500يۈەن قەرىز ئالغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

     3-ئىسپات:2011-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى بىر پارچە ئاساس،2012-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى بىر پارچە ھۆججەت،2012-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى بىر پارچە ئاساسنى سوتقا تاپشۇرۇش ئارقىلىق، جاۋابكار ئازاتگۇل يولداشنىڭ دەۋاگەردىن ئالغان 43500يۈەن قەرىز پۇلغا قارىتا بىر نەچچە قىتىم قەزر قايتۇرۇش مۆھلىتى بەلگىلەپ ھۆججەت ۋە ئاساس يىزىپ بەرگەن بولسىمۇ، ئەڭ ئاخىرقى مۆھلەت 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە قەرز پۇلنى قايتۇرمىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

    جاۋابكار ئازاتگۇل يولداشقا سوتقا قاتنىشىش ئۇقتۇرىشى يەتكۈزگەن بولساقمۇ سەۋەپسىز سوتقا كەلمىدى، ھەم قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە ئەرىزگە جاۋاپ يىزىپ تاپشۇرمىدى.

   تەكشۈرۈپ ئىنىقلىشىمىزچە:جاۋابكار ئازاتگۇل يولداش دەۋاگەردىن 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى 2500 يۇەن قەرز ئىلىپ شۇ كۈنى «مەنكى ئازاتگۇل مەمەتتۇرسۇنجاندىن 2500 يۇەن قەرز ئالدىم»دەپ ھۆججەت يىزىپ بەرگەن،يەنە 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى دەۋاگەردىن 41000يۇەن قەرز ئېلىپ«مەمەتتۇرسۇن ئىبرايىمدىن 41000 يۇەن قەرز ئالدىم،بۇ پۇلنى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ ئاخرىغىچە قايتۇرۇپ بولىمەن»دەپ ھۆججەت يىزىپ بەرگەن. ھەمدە 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى«مەنكى ئازاتگۇل مەمەتتۇرسۇنجاندىن ئالغان پۇلنى 2011يىلى 10-ئاي ئىچىدە قايتۇرىمەن،ئەگەر قايتۇرالمىسام جەرىمانىسى بىلەن قايتۇرۇپ بىرىمەن،10-ئايدىن ئۆتۇپ كەتمەيدۇ»دىگەن مەزموندا بىر پارچە ئاساس يىزىپ بەرگەن.يۇقارقى مۆھلەت توشقاندىن كىيىن دەۋاگەر جاۋاپكارنى ئىزدەپ بىرىپ پۇل قايتۇرۇشنى دىگەندە جاۋاپكار 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى بىر پارچە ھۆججەت، 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى بىر پارچە ئاساس يىزىپ بەرگەن. ئەڭ ئاخىرقى مۆھلەت 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن كىيىن جاۋاپكار دەۋاگەرگە 8500 يۇەننى قايتۇرۇپ 35000 يۇەن قالغاندا، دەۋاگەر جاۋاپكارنى ئىزدەپ يۇقارقى پۇلنى سۈيلىگەن بولسىمۇ قايتۇرمىغانلىقتىن مەھكىمىمىزگە ئەرىز قىلغانلىقى ئىنىقلاندى.

   مەھكىممىز مۇنداق قارىدى:قانۇنلۇق قەرىز مۇناسىۋىتى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، جاۋاپكار دەۋاگەردىن ئىككى قىتىم قەرز ئىلىپ،قەرز پۇلغا قارىتا ھۆججەت يىزىپ بەرگەن،جاۋاپكار بىلەن دەۋاگەر ئوتتۇرسىدا قانۇنلۇق قەرىزدارلىق مۇناسىۋىتى شەكىللەنگەن. دەۋاگەرنىڭ، جاۋاپكاردىن قىپ قالغان قەرىز پۇل 35000يۈەننى ئىلىپ بەرسە دىگەن دەۋا تەلىۋىنىڭ پاكىت ئاساسى بار، قوللاشقا بولىدۇ، جاۋاپكار زىممىسىدىكى قەرىز پۇلنى دەۋاگەرگە قايتۇرۇشتەك ھەق تەلەپ جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئىلىشقا تىگىشلىك دەپ قاراپ«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق-تەلەپ دەۋا قانۇنى»نىڭ 144-ماددىسى، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق-تەلەپ قانۇنى ئومومى قائىدىسى»نىڭ 90-، 108-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۇم قىلىندى.

   1-جاۋاپكار ئازاتگۇل يولداش، زىممىسىدىكى قەرىز پۇل 35000 يۈەننى ھۆكۈم قانۇنى كۈچە ئىگە بولۇپ 10كۈن ئىچىدە دەۋاگەر مەمەتتۇرسۇن ئىبراھىمغا قايتۇرسۇن.

   ئەگەر جاۋابكار بەلگىلەنگەن مۇددەتتە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى»نىڭ 253-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ھەسسىلەپ ئۆسۈم تۆلەيدۇ.

   دەۋا ھەققى 676يۈەننىڭ يىرىمى، 338يۇەننى جاۋاپكارئۇستىگە ئالسۇن.

  ئەگەر بۇ ھۆكۇمگە قايىل بولمىغان تەرەپ ھۆكۇمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۇندىن باشلاپ15كۇن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە نارازىلىق ئەرىز تاپشۇرسا،ھەمدە قارشى تەرەپ دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئادەم سانى بويىنچە نارازىلىق ئەرىزنىڭ كۆچۇرمىسىنى قوشۇپ تاپشۇرۇپ مەھكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاستە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرىز بىرىشكە بولىدۇ.

             مۇۋەققەت سوتچى:    غىنىجان ئابدۇرىھىم

                    2012-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى

                   پۇتۇكچى:    ئادىلجان ئابلىمىت

案由:民间借贷

原告:买买提吐逊

被告:阿扎提鼓励

 

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆喀什市人民法院网

关闭窗口