添加收藏 / 设为首页

此页面上的内容需要较新版本的 Adobe Flash Player。

获取 Adobe Flash Player

当前位置: 维文裁判文书 -> 民事文书

مەھكىمىمىز دەۋاگەر ئارزىگۇل خۇدابەردىنىڭ جاۋاپكار مىرزات سىلىم

2015-08-11 10:35:38


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايونى

قەشقەر شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامىسى

            (2015) ق ش س ھ د چىقىش 430 -نومۇرلۇق.

   دەۋاگەر ئارزىگۇل خۇدابەردى،

 جاۋاپكار: مىرزات سىلىم،

   مەھكىمىمىز دەۋاگەر ئارزىگۇل خۇدابەردىنىڭ جاۋاپكار مىرزات سىلىم ئۈستىدىن ئەرىز قىلغان نىكاھتىن ئاجرىشىش ماجرا دىلوسىنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن، قانۇن بويىچە ئاددى تەرتىپ قوللۇنۇپ تەنھا سوتچى ، ئوچۇق سوت قىلىپ قاراپ چىقتى،مۇشۇ دىلودىكى دەۋاگەر ئارزىگۇل خۇدابەردى سوتقا كېلىپ دەۋا پائالىيىتىگە قاتناشتى ، جاۋاپكارغا قانۇنلۇق يول بىلەن سوتقا قاتنىشىش ئۇقتۇرۇشى قىلغان بولساقمۇ سەۋەپسىز سوتقا كەلمىدى ،ھازىر بۇ دىلوغا قاراپ چىقىش ئاياغلاشتى.

دەۋاگەر سوتتا «مەن جاۋاپكار بىلەن ئۆزىمىز تونۇشۇپ 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى قانۇنلۇق تۇرمۇش قۇرغان، بىز تۇرمۇش قۇرۇپ بىر مەزگىل ياخشى ئىناق ئۆتتۇق ئۇنىڭدىن كىيىن جاۋاپكارنىڭ يالغانچىلىق مەسئۇلىيەتسىزلىكى سەۋەبىدىن ئارىمىزدا ئۇششاق ئۇرۇش جىدەل كۆپۈيۈپ كىتىپ ئەر ئاياللىق مىھرى مۇەبىبىتىمىز بۇزۇلدى شۇ تەرىقىدە مەن ھامىلدار بولۇپ 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى بالىمىز ھەمزە مىرزاتقا ئاتا ئانا بولۇشتۇق. لىكىن جاۋاپكار ۋە ئۇنىڭ ئۆيىدىكىللىرى خىلى بىر ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن بىر قوي ئىلىپ كىلىپ يوقلاپ كەتكەنچە تا ھازىرغا قەدەر كىلىپ باقمىدى ھەتتا يۆتكەپ كىتىش ئۈچۈنمۇ كەلمىدى ھازىر مىنىڭ ئانامنىڭ ئۆيىدە تۇرۇۋاتقىنىمغا ۋە جاۋاپكار بىلەن ئايرىلىپ تۇرغىنىمغا بىر يىلدىن ئاشتى بۇ جەرياندا بىزنىڭ ئوتتۇرمىزدا مىھرى مۇھەببەت قالمىدى ئۇندىن باشقا مەن جاۋاپكار بىلەن تۇرمۇشلۇق بولغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە جاۋاپكارنىڭ تويدىن ئىلگىركى قەرىزلىرىنى تۆلەپ بىر ئائىلىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزەم قامداپ كەلدىم. ھەتتا جاۋاپكارنى تۈزۈلۈپ ياخشى ئادەم بولۇپ مەن ۋە بالىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئىلىپ كۆيۇمچان ئەر مەسئۇلىيتچان دادا بولۇش ئۈچۈن بانكىدىن 30000يۇەن قەرىز ئىلىپ جاۋاپكارنىڭ قەرىزلىرىنى تۆلەپ بەردىم لىكىن جاۋاپكار يەنىلا ئۆزگەرمەي كونا خۇيلىرىنى تاشلىماي ئىزچىل تۇردە ماڭا يالغان سۆزلەپ مىنى ئالداپ كەلدى شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ جاۋاپكارنىڭ قىلغانلىرىنى ئويلاپ بۇندىن كىيىن داۋاملىق بىر ئۆيدە تۇرمۇش كەچۈرسەم تۇرمۇشۇمنىڭ كۆڭۈللۈك ۋە خاتىرجەم بولمايدىغانلىغىنى تونۇپ يەتتىم .ئەڭ مۇھىمى جاۋاپكار ئەر كىشى تۇرۇپ مىنى باقماي ئەكسىچە مەن ئىزچىل تۇردە جاۋاپكارنى بىقىپ كەلدىم قىسقىسى يۇقارقىدەك سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن مىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن جاۋاپكار بىلەن بىرگە تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيتىم قالمىدى شۇڭا مەن ئامالسىز مەھكىمەڭلارگە مەزكۇر ئەرىزنى سۇنۇشقا مەجبۇر بولدۇم شۇڭا سوت مەھكىممىسى (1)قانۇن بويىنچە جاۋاپكاردىن نىكاھدىن ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلىمەن (2)ئوتتۇرمىزدىكى 6ئايلىق ئوغلىمىز ھەمزە مىرزاتنى بۇندىن كىيىن ئۆزۈم بىقىپ تەربىيلەيمەن (3)قانۇن بويىنچە جاۋاپكاردىن بالىنىڭ بۇندىن كىيىنكى 18ياشقا كىرگۈچە بولغان بىقىش راسخۇتى ئۈچۈن ھەر ئايدا 600يۇەندىن ئىلىپ بىرىشنى تەلەپ قىلىمەن (4)قانۇن بويىنچە جاۋاپكاردىن مىنىڭ تۇغۇت چىقىمىم 7000يۇەننى تۆلۇتۇپ ئىلىپ بىرىشنى تەلەپ قىلىمەن (5)قانۇن بويىنچە جاۋاپكاردىن مەن ئالتۇن زىبۇ زىننەتلىرىمنى سىتىپ جاۋاپكارنىڭ قەرزىنى تۆلەپ بەرگەن 15000يۇەننى بانكىدىن قەرىز ئىلىپ بەرگەن 30000يۇەننى يىرىمى 15000يۇئەننى ئالدىنقى بىر يىللىق تۆلىگەن ئۆي ئىجارە پۇلى 5000يۇەن جەمئى 35000يۇەننى تۆلۈتۈپئىلىپ بىرىشنى تەلەپ قىلىمەن (6)قانۇن بويىنچە جاۋاپكارنىڭ ئۆيىدىكى ئۆزۈمگە تەۋە بولغان مۈلۈكلىرىمنىي ئۆزۈمگە قايتۇرۇپ ئىلىپ بىرىشنى تەلەپ قىلىمەن دەۋا ھەققىنى جاۋاپكار ئۈستىگە ئالسۇن » دەپ ئەرىز قىلدى.

   دەۋاگەر ئۆزىنىڭ دەۋا تەشەببۇسىنى قوللاش ئۇچۇن سوتتا تۆۋەندىكى دەلىل-ئىسپاتنى كۆرسەتتى.

  1-دەلىل ئىسپات:2013- يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى بىجىرىلگەن  ئىككى پارچە نىكاھلىنىش گۇۋاھنامىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى سوتقا تاپشۇرۇلدى.

ئىسپاتلاش نىشانى : تەرەپلەرنىڭ قانۇنلۇق نىكاھلانغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

يۇقارقى ئىسپات سوت ئۈسىتىدە بىكىتىلدى.

2- دەلىل ئىسپات: 2015- يىلى 2- ئاينىڭ 9- كۈنىدىكى قەشقەر ۋىلايەتلىك ناخشا ئۇسۇل تىياتىر ئۆمىكىنىڭ ئىسپاتى.

ئىسپاتلاش نىشانى: تەرەپلەرنىڭ توي قىلغاندىن كىيىن مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى بولمىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

يۇقارقى ئىسپات سوت ئۈسىتىدە بىكىتىلدى.

جاۋاپكارغا مەھكىممىز قانۇنلۇق يول بىلەن 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى دەۋاگەرنىڭ ئەرزىنى، ئەرىزگە جاۋاپ بىرىش ئۇختۇرشى،بىلەن 2015-يىل 3-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 1:30دە ئىچىلىدىغان سوتنىڭ ئۇختۇرشىنى يەتكۈزگەن بولساقمۇ  ، سەۋەپسىز سوتقا كەلمىدى دەۋاگەرنىڭ ئەرزگە قارتا جاۋاپ يېزىپمۇ تاپشۇرمىدى

   سوت قىلىپ ئېنىقلىشمىزچە : دەۋاگەر بىلەن جاۋاپكار ئۆزلىرى تونۇشۇپ   2013- يىلى11- ئاينىڭ 12-كۈنى  قانۇنلۇق نىكاھلىنىپ مۇناسىۋتى بىر مەزگىل نورمال ئۆتكەن ئۇنىڭدىن كىيىن تەرەپلەرنىڭ مىجەزى كىلىشمەي ئائىلىدىكى ئۇششاق ئىشلار سەۋەبىدىن ئاز تولا زىددىيەتلىشىپ تۇرغان شۇ جەرياندا دەۋاگەر ھامىلدار بولغاچقا  2014- يىلى 6- ئايدا دەۋاگەرنىڭ ئانىسى دەۋاگەرنى تۇغدۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئۆيىگە يۆتكەپ كەتكەن دەۋاگەر     2014- يىلى 7- ئاينىڭ 19- كۈنى ھەمزە مىرزات ئىسىملىك بىر پەرزەنتنى تۇغقان بالا تۇغۇلغاندا جاۋاپكار ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر دەۋاگەرنى بىر قىتىم يوقلاپ كەتكەنچە

شۇندىن بىرى جاۋاپكار دەۋاگەرنى ئىزدىمىگەن شۇنىڭ بىلەن دەۋاگەر مەھكىممىزگە كىلىپ جاۋاپكار بىلەن نىكاھدىن ئاجرىشىپ كىتىشنى بالىنى ئۆزىنىڭ بىقىپ تەربىيلىشىگە بۇيرۇپ بىرىشنى تەلەپ قىلىپ ئەرىز بەرگەنلىگى ئىنىقلاندى

يەنە ئىنىقلىشىمىزچە: سوت قىلىپ قاراپ چىقىش جەريانىدا دەۋاگەر ئەرزىدىكى (3)قانۇن بويىنچە جاۋاپكاردىن بالىنىڭ بۇندىن كىيىنكى 18ياشقا كىرگۈچە بولغان بىقىش راسخۇتى ئۈچۈن ھەر ئايدا 600يۇەندىن بىقىش راسخۇتىنى ئىلىپ بىرىشنى تەلەپ قىلىمەن (4)قانۇن بويىنچە جاۋاپكاردىن مىنىڭ تۇغۇت چىقىمىم 7000يۇەننى تۆلۇتۇپ ئىلىپ بىرىشنى تەلەپ قىلىمەن (5)قانۇن بويىنچە جاۋاپكاردىن مەن ئالتۇن زىبۇ زىننەتلىرىمنى سىتىپ جاۋاپكارنىڭ قەرزىنى تۆلەپ بەرگەن 15000يۇەننى بانكىدىن قەرىز ئىلىپ بەرگەن 30000يۇەننى يىرىمى 15000يۇئەننى ئالدىنقى بىر يىللىق تۆلىگەن ئۆي ئىجارە پۇلى 5000يۇەن جەمئى 35000يۇەننى تۆلۈتۈپ ئىلىپ بىرىشنى تەلەپ قىلىمەن دىگەن تەلىۋىدىن يانىدىغانلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى .

يۇقارقى پاكىتلار دەۋاگەر كۆرسەتكەن 2 تۇرلۇك دەلىل ئىسپات دەۋاگەرنىڭ سوتتىكى بايانلىرى ۋە سوت خاتىرسىگە ئاساسەن بىكىتىلدى.

    مەھكىمىمىزنىڭ قارشىچە : تەرەپلەرنىڭ نىكاھلىنىش ئاساسى ئاجىز بولغاچقا ،بىر بىرىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ يىتەرسىزلىگى، تۇرمۇشقا بولغان چۈشەنچىسىنىڭ كەمچىللىگى تۇپەيلىدىن  جاۋاپكار دەۋاگەرنى بالا تۇغۇشقا كەتكەندە تاشلىۋەتكەنچە ھازىرغا قەدەر ئىزدىمەي نىكاھ ئائىلىگە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان، شۇ سەۋەپتىن تەرەپلەر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتكە تەسەر يەتكەن دەۋاگەرنىڭ نىكاھدن ئاجرىشش دەۋا تەلىۋى يوللۇق بولۇپ قوللاشقا ، تەرەپلەرنى نىكاھدىن ئاجراشتۇرۇشقا، تەرەپلەرنىڭ پەرزەنتى ھەمزى مىرزاتنى ئانىسى بىقىپ تەربىيلەشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى « ھەق-تەلەپ دەۋا قانۇنى» نىڭ 144-ماددسى ،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى نىكاھ قانۇنى» نىڭ 32-36-38-ماددسىنىڭ بەلگىلمىسگە ئاساسەن تۇۋەندىكىچە ھۇكۇم قىلىندى.

   1.دەۋاگەرئارزىگۇل خۇدابەردى بىلەن جاۋاپكار مىرزات سىلىم نىكاھدىن ئاجراشتۇرۇلدى .

2.تەرەپلەرنىڭ پەرزەنتى ھەمزە مىرزاتنى بۇنىڭدىن كىيىن ئانىسى ئارزىگۇل خۇدابەردى بىقىپ تەربىيلەيدۇ.

3.جاۋاپكار مىرزات سىلىم دەۋاگەرنىڭ ئۆزىگە تەۋە مۈلۈكلىرىدىن بىر دانە كىيىم ئىشكاپى، بىر دانە قوش كىشلىك كارۋات، بىر پارچە گىلەم قاتارلىق مۈلۈكلىرىنى قايتۇرۇپ بەرسۇن.

    دەۋا ھەققى 150 يۈەننىڭ يىرىمى 75يۇەننى جاۋاپكار ئۈستۈگە ئالسۇن.

    ئەگەر بۇ ھۆكۇمگە قايىل بولمىغان تەرەپ،ھۆكۇمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۇنىدىن باشلاپ 15 كۇن ئىچىدە ،مەھكىمىمىزگە نارازىلىق ئەرز تاپشۇرسا ھەمدە قارشى تەرەپ دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئادەم سانى بويىنچە نارازلىق ئەرزنىڭ كۈچۈرۇلمىسنى قوشۇپ تاپشۇرۇپ،مەھكىممىز ئارقىلىق ياكى بىۋاستە ،قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرىز بەرسە بولىدۇ.

                                   سوتچى: دىلنۇر ئابلەت

                             

                                  2015-يىلى3-ئاينىڭ25-كۇنى

                               

                                  پۇتكۇچى: ئايشەمگۇل ئابلىكىم 

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆喀什市人民法院网

关闭窗口