添加收藏 / 设为首页

此页面上的内容需要较新版本的 Adobe Flash Player。

获取 Adobe Flash Player

当前位置: 维文裁判文书 -> 民事文书

مەھكىمىمىز دەۋاگەر شىرئەلى مەمەتزۇنۇننىڭ جاۋاپكار ئەسىما ئىلى ئۈستىد/b>

2015-08-11 10:38:34

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايونى

قەشقەر شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامىسى

        ( 2015) ق ش س ھ د چىقىش431 (1)-نومۇرلۇق.

دەۋاگەر:شىرئەلى مەمەتزۇنۇن ،.

  جاۋاپكار:ئەسىما ئىلى ،

 مەھكىمىمىز دەۋاگەر شىرئەلى مەمەتزۇنۇننىڭ جاۋاپكار ئەسىما ئىلى ئۈستىدىن ئەرىز قىلغان نىكاھنى كۇچكە ئىگە قىلماسلىق ماجرا دىلوسىنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن، قانۇن بويىچە ئاددىي تەرتىپ قوللۇنۇپ، تەنھا سوتچى ئوچۇق سوت قىلىپ قاراپ چىقتى،مۇشۇ دىلودىكى دەۋاگەر شىرئەلى مەمەتزۇنۇن، جاۋاپكار ئەسىما ئىلى سوتقا كىلىپ دەۋا پائالىيىتىگە قاتناشتى،ھازىر بۇ دىلوغا قاراپ چىقىش ئاياغلاشتى.

  دەۋاگەر شىرئەلى مەمەتزۇنۇن سوتتا :« مەن جاۋاپكار بىلەن بىر نەۋرە بولۇپ جاۋاپكارنىڭ ئانىسى مىنىڭ دادامنىڭ سىڭلىسى ئىسى، بىز چوڭلارنىڭ مەجبۇرلىشى ئاستىدا 2009- يىلى 7- ئايدا تۇرمۇش قۇرۇپ 2 پەرزەنتكە ئاتا- ئانا بولدۇق، مۇناسىۋىتىمىز 3 ئاي ياخشى ئۆتتى ئۇنىڭدىن كىيىن مۇناسىۋىتىمىز بۇزۇلدى جاۋاپكارنىڭ قولى ئىتتىك ئاچچىغى كەلسە ئۆيدىكى نەرسىلەرنى چىقىپ ۋەيران قىلىدۇ، ھەتتا ماڭىمۇ قول ياندۇرۇپ غورورۇمغا تەككەن ئەھۋاللار بولدى،، بۇندىن كىيىن بىزنىڭ بىرگە تۇرۇش ئىمكانىيىتمىز يوق، شۇڭا سوت مەھكىمىسى بىزنىڭ نىكاھ مۇناسۋىىتىمىزنى كۇچكە ئىگە ئەمەس دەپ جاكارلاپ بىرىش بىلەن بىرگە پەرزەنتىم مىيەسسەرنى ئۆزەم بىقىپ تەربىيلىسەم، ئىمراننى جاۋاپكار بىقىپ تەربىيلىسە » دەپ ئەرىز قىلدى.

  دەۋاگەر ئۆزىنىڭ دەۋا تەشەببۇسىنى قوللاش ئۇچۇن سوتتا تۆۋەندىكى دەلىل-ئىسپاتنى كۆرسەتتى.

1-دەلىل- ئىسپات: 1 پارچە 2014- يىلى 11- ئاينىڭ 21- كۇنى بىجىرىلگەن ئەسىما ئەلى نامىدىكى نىكاھلىنىش گۇۋاھنامىسىنىڭ ئەسلى نۇسقىسىنى سوتقا تاپشۇردى.

يۇقارقى ئىسپاتنى جاۋاپكار ئىتىراپ قىلدى.

2-دەلىل-ئىسپات: 1 پارچە 2014- يىلى 11- ئاينىڭ 27- كۇنى قۇمدەرۋازا يولى ئىجدىمائى رايۇننىڭ يىزىپ بەرگەن تونۇشتۇرشىنىڭ ئەسلى نۇسقىسىنى سوتقا تاپشۇردى.

  جاۋاپكار سوتتا:‹‹ بىز بىر نەۋرىلەردىن بولۇپ بىزنىڭ تۇرمۇش قۇرۇپ ئىككى بالىغا ئاتا- ئانا بولغانلىقىمىز راست بىزنىڭ مۇناسىىۋىتىمىز 5 ئاي ياخشى ئۆتتى، ئۇنىڭدىن مۇناسىۋىتىمىز ياخشى بولمىدى، يولدۇشۇم ماڭا ئىگە بولمىدى 2012- يىلى 6- ئايدا يولدۇشۇم ماڭا ئىگە بولمىغاندىكىن ئاتا- ئانامنىڭ ئۆيىگە يىنىپ كەلدىم، يولدۇشۇم مىنى قايتۇرۇپ كىتىش ئۇچۇن كەلمىدى، چوڭ ئوغلۇمنى 6 ئايدىن تارتىپ ئانام بىقىپ بەرگەن ، ئۇ بالا بىلەن دادىسىنىڭ كارى بولمىدى، ئىككىنجى بالامنى 10 ئاي بولغىچە مەن بىقىپ 10 ئاي بولغاندا يولدۇشۇمغا ئاپپىرىپ بەردىم،شۇنىڭدىن كىيىن مۇناسىۋىتىمىز ياخشى بولمىدى. دەۋاگەر مەندىن ئاجرىشىمەن دىسە بالىنى بىقىش پىكرىگە قوشۇلىمەن، يولدۇشۇم باققان بالىنى كۆرۇپ تۇرسام ، مەن باققان بالىغا ئايدا 1000 يۇەندىن بىقىش راسخۇتى بەرسۇن ئۆزەمگە تەۋە 7 كۆرپە، 4 يوتقان ، بىر جەۋەن قاتارلىق مال- مۇلكۇمنى بەرسۇن ئۇنداق بولمىسا  مەن دەۋاگەرنىڭ دەۋا تەلىۋىنى رەت قىلىمەن ››دەپ ئەرزىگە جاۋاپ بەردى.

  سوتتا تەكشۇرۇپ ئىنىقلىشىمىزچە: تەرەپلەر بىر نەۋرىلەردىن بولۇپ، ئائىلىدىكىلەرنىڭ تونۇشتۇرشى بىلەن 2009-يىلى 7- ئايدىن تارتىپ بىرگە تۇرغان ھەم 5 ئاي مۇناسىۋىتى ياخشى ئۆتكەن بۇ جەرياندا ئىمران شىرئەلى ، ( 2010- يىلى 3- ئاينىڭ 30- كۇنى تۇغۇلغان) ،مىيەسسەر شىرئەلى ، ( 2011- يىلى 9- ئاينىڭ 12- كۇنى تۇغۇلغان) ئىككى پەرزەنتكە ئاتا- ئانا بولغان، تەرەپلەرنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى بولماي 2012- يىلى 6- ئاينىڭ 13- كۈنىدىن باشلاپ ئايرىلىپتۇرغان، 2014- يىلى 11- ئاينىڭ 21- كۇنى بىر نەۋرە ئىكەنلىگىنى يوشۇرۇپ نىكاھلىنىشقا تىزىملىتىپ قانۇنلۇق نىكاھلىنىش گۇۋاھنامىسى ئالغان.دەۋاگەر مەھكىممىزگە كىلىپ جاۋاپكار بىلەن بولغان نىكاھ مۇناسىۋتىنى ئىناۋەتسىز دەپ جاكارلاپ بىرىشنى، پەرزەنتىنى بىردىن بىقىپ تەربىيلەشنى تەلەپ قىلىپ ئەرىز بەرگەنلىگى ئىنىقلاندى.

يۇقارقى پاكىتلار دەۋاگەر ۋە جاۋاپكارنىڭ سوتتىكى بايانى دەۋاگەرنىڭ سوتقا كۆرسەتكەن دەلىل ئىسپاتى ۋە سوت خاتىرسىگە ئاساسەن بىكىتىلدى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى: تەرەپلەر بىر نەۋرە قانداش تۇققانلاردىن بولۇپ،ئۈچ ئەۋلاد ئىچىدىكى شىرەم قانداش تۇققانلار دائىرىسىگە كىرىدۇ، قانۇندا ئۇچ ئەۋلات قانداش تۇققانلارنىڭ نىكاھلىنىشنى قەتئى مەنئى قىلىنغان بولسىمۇ،ئۇرۇق تۇققانلارنىڭ ئارلىشىش بىلەن بىرگە تۇرمۇش كۆچۇرگەن، بىر نەۋرە تۇققان ئىكەنلىكىنى يوشۇرۇپ نىكاھلىنىش گۇۋاھنامىسى ئالغان، ،تەرەپلەرنىڭ نىكاھلىنىشى قانۇنغا خىلاپ بولۇپ،تەرەپلەرنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتى قانۇن تەرىپىدىن قوغدالمايدۇ،شۇڭا تەرەپلەر ئوتتۇرسىدىكى نىكاھنى كۇچكە ئىگە ئەمەس دەپ جاكارلاشقا تىگىشلىك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى نىكاھ قانۇنى» نىڭ10-ماددا 2-تارمىقىنىڭ ۋە «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى نىكاھ قانۇنىنى تەدبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغۇرىسىدىكى ئىزاھاتى»(1)نىڭ 9-ماددىسىغا ئاساسەن تۇۋەندىكىچە ھۇكۇم قىلىندى.

1. دەۋاگەر شىرئەلى مەمەتزۇنۇن  بىلەن جاۋاپكار ئەسىما ئەلىنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتى كۈچكە ئىگە ئەمەس .

بۇ ھۆكۈم ئاخىرقى ھۆكۈم .

                          مۇۋەققەت سوتچى: بۇزۇراگۇل مۇپتى 

                                2015-يىلى3-ئاينىڭ20-كۇنى

                              پۇتكۇچى: ئايشەمگۇل ئابلىكىم  

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايونى

قەشقەر شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامىسى

       ( 2015) ق ش س ھ د چىقىش431 (2)-نومۇرلۇق.

دەۋاگەر:شىرئەلى مەمەتزۇنۇن ،.

  جاۋاپكار:ئەسىما ئىلى ،

 مەھكىمىمىز دەۋاگەر شىرئەلى مەمەتزۇنۇننىڭ جاۋاپكار ئەسىما ئىلى ئۈستىدىن ئەرىز قىلغان نىكاھنى كۇچكە ئىگە قىلماسلىق ماجرا دىلوسىنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن، قانۇن بويىچە ئاددىي تەرتىپ قوللۇنۇپ، تەنھا سوتچى ئوچۇق سوت قىلىپ قاراپ چىقتى،مۇشۇ دىلودىكى دەۋاگەر شىرئەلى مەمەتزۇنۇن، جاۋاپكار ئەسىما ئىلى سوتقا كىلىپ دەۋا پائالىيىتىگە قاتناشتى،ھازىر بۇ دىلوغا قاراپ چىقىش ئاياغلاشتى.

  دەۋاگەر شىرئەلى مەمەتزۇنۇن سوتتا :« مەن جاۋاپكار بىلەن بىر نەۋرە بولۇپ جاۋاپكارنىڭ ئانىسى مىنىڭ دادامنىڭ سىڭلىسى ئىسى، بىز چوڭلارنىڭ مەجبۇرلىشى ئاستىدا 2009- يىلى 7- ئايدا تۇرمۇش قۇرۇپ 2 پەرزەنتكە ئاتا- ئانا بولدۇق، مۇناسىۋىتىمىز 3 ئاي ياخشى ئۆتتى ئۇنىڭدىن كىيىن مۇناسىۋىتىمىز بۇزۇلدى جاۋاپكارنىڭ قولى ئىتتىك ئاچچىغى كەلسە ئۆيدىكى نەرسىلەرنى چىقىپ ۋەيران قىلىدۇ، ھەتتا ماڭىمۇ قول ياندۇرۇپ غورورۇمغا تەككەن ئەھۋاللار بولدى،، بۇندىن كىيىن بىزنىڭ بىرگە تۇرۇش ئىمكانىيىتمىز يوق، شۇڭا سوت مەھكىمىسى بىزنىڭ نىكاھ مۇناسۋىىتىمىزنى كۇچكە ئىگە ئەمەس دەپ جاكارلاپ بىرىش بىلەن بىرگە پەرزەنتىم مىيەسسەرنى ئۆزەم بىقىپ تەربىيلىسەم، ئىمراننى جاۋاپكار بىقىپ تەربىيلىسە » دەپ ئەرىز قىلدى.

  دەۋاگەر ئۆزىنىڭ دەۋا تەشەببۇسىنى قوللاش ئۇچۇن سوتتا تۆۋەندىكى دەلىل-ئىسپاتنى كۆرسەتتى.

1-دەلىل- ئىسپات: 1 پارچە 2014- يىلى 11- ئاينىڭ 21- كۇنى بىجىرىلگەن ئەسىما ئەلى نامىدىكى نىكاھلىنىش گۇۋاھنامىسىنىڭ ئەسلى نۇسقىسىنى سوتقا تاپشۇردى.

يۇقارقى ئىسپاتنى جاۋاپكار ئىتىراپ قىلدى.

2-دەلىل-ئىسپات: 1 پارچە 2014- يىلى 11- ئاينىڭ 27- كۇنى قۇمدەرۋازا يولى ئىجدىمائى رايۇننىڭ يىزىپ بەرگەن تونۇشتۇرشىنىڭ ئەسلى نۇسقىسىنى سوتقا تاپشۇردى.

يۇقارقى ئىسپاتنى جاۋاپكار ئىتىراپ قىلدى.

  جاۋاپكار سوتتا:‹‹ بىز بىر نەۋرىلەردىن بولۇپ بىزنىڭ تۇرمۇش قۇرۇپ ئىككى بالىغا ئاتا- ئانا بولغانلىقىمىز راست بىزنىڭ مۇناسىىۋىتىمىز 5 ئاي ياخشى ئۆتتى، ئۇنىڭدىن مۇناسىۋىتىمىز ياخشى بولمىدى، يولدۇشۇم ماڭا ئىگە بولمىدى 2012- يىلى 6- ئايدا يولدۇشۇم ماڭا ئىگە بولمىغاندىكىن ئاتا- ئانامنىڭ ئۆيىگە يىنىپ كەلدىم، يولدۇشۇم مىنى قايتۇرۇپ كىتىش ئۇچۇن كەلمىدى، چوڭ ئوغلۇمنى 6 ئايدىن تارتىپ ئانام بىقىپ بەرگەن ، ئۇ بالا بىلەن دادىسىنىڭ كارى بولمىدى، ئىككىنجى بالامنى 10 ئاي بولغىچە مەن بىقىپ 10 ئاي بولغاندا يولدۇشۇمغا ئاپپىرىپ بەردىم،شۇنىڭدىن كىيىن مۇناسىۋىتىمىز ياخشى بولمىدى. دەۋاگەر مەندىن ئاجرىشىمەن دىسە بالىنى بىقىش پىكرىگە قوشۇلىمەن، يولدۇشۇم باققان بالىنى كۆرۇپ تۇرسام ، مەن باققان بالىغا ئايدا 1000 يۇەندىن بىقىش راسخۇتى بەرسۇن ئۆزەمگە تەۋە 7 كۆرپە، 4 يوتقان ، بىر جەۋەن قاتارلىق مال- مۇلكۇمنى بەرسۇن ئۇنداق بولمىسا مەن دەۋاگەرنىڭ دەۋا تەلىۋىنى رەت قىلىمەن ››دەپ ئەرزىگە جاۋاپ بەردى.

  سوتتا تەكشۇرۇپ ئىنىقلىشىمىزچە: تەرەپلەر بىر نەۋرىلەردىن بولۇپ، ئائىلىدىكىلەرنىڭ تونۇشتۇرشى بىلەن 2009-يىلى 7- ئايدىن تارتىپ بىرگە تۇرغان ھەم 5 ئاي مۇناسىۋىتى ياخشى ئۆتكەن بۇ جەرياندا ئىمران شىرئەلى ، ( 2010- يىلى 3- ئاينىڭ 30- كۇنى تۇغۇلغان) ،مىيەسسەر شىرئەلى ، ( 2011- يىلى 9- ئاينىڭ 12- كۇنى تۇغۇلغان) ئىككى پەرزەنتكە ئاتا- ئانا بولغان، تەرەپلەرنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى بولماي 2012- يىلى 6- ئاينىڭ 13- كۈنىدىن باشلاپ ئايرىلىپتۇرغان، 2014- يىلى 11- ئاينىڭ 21- كۇنى بىر نەۋرە ئىكەنلىگىنى يوشۇرۇپ نىكاھلىنىشقا تىزىملىتىپ قانۇنلۇق نىكاھلىنىش گۇۋاھنامىسى ئالغان.دەۋاگەر مەھكىممىزگە كىلىپ جاۋاپكار بىلەن بولغان نىكاھ مۇناسىۋتىنى ئىناۋەتسىز دەپ جاكارلاپ بىرىشنى، پەرزەنتىنى بىردىن بىقىپ تەربىيلەشنى تەلەپ قىلىپ ئەرىز بەرگەنلىگى ئىنىقلاندى.

يۇقارقى پاكىتلار دەۋاگەر ۋە جاۋاپكارنىڭ سوتتىكى بايانى دەۋاگەرنىڭ سوتقا كۆرسەتكەن دەلىل ئىسپاتى ۋە سوت خاتىرسىگە ئاساسەن بىكىتىلدى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى: مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى: تەرەپلەر بىر نەۋرە قانداش تۇققانلاردىن بولۇپ،ئۈچ ئەۋلاد ئىچىدىكى شىرەم قانداش تۇققانلار دائىرىسىگە كىرىدۇ، تەرەپلەرنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتى قانۇن تەرىپىدىن قوغدالمايدۇ،شۇڭا تەرەپلەر ئوتتۇرسىدىكى نىكاھنى كۇچكە ئىگە ئەمەس دەپ جاكارلاشقا تىگىشلىك بولۇپ مەھكىمىمىزنىڭ (2015) ق ش س ھ د چىقىش 431(1)-نۇمۇرلۇق ھۆكۈمنامىسى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغان تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى 2 پەرزەنتىنى بىردىن بىقىشقا تىگىشلىك، دەۋاگەر جاۋاپكارغا تەۋە مال- مۇلكىنى قايتۇرۇپ بىرىشكە تېگىشلىك دەپ قاراپ« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى نىكاھ- قانۇنى» نىڭ39-38- 36--ماددا ۋە «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى نىكاھ قانۇنىنى تەدبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغۇرىسىدىكى ئىزاھاتى»(2)ئىزاھاتىنىڭ 4-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تۇۋەندىكىچە ھۇكۇم قىلىندى.

1- تەرەپلەرنىڭ پەرزەنتى ئىمران شىرئەلىنى بۇنىڭدىن كىيىن ئانىسى ئەسىما ئەلى بىقىپ تەربىيلەيدۇ. مىيەسسەر شىرئەلىنى بۇنىڭدىن كىيىن دادىسى شىرئەلى مەمەتزۇنۇن بىقىپ تەربىيلەيدۇ

2- دەۋاگەر جاۋاپكارغا تەۋە 7 كۆرپە، 4 يوتقان ، بىر جەۋەن قاتارلىق مال- مۇلكلىرىنى ھۆكۇم قانۇن كۇچكە كىرىپ 5 كۇن ئىچىدە قايتۇرۇپ بىرىدۇ.  دەۋا ھەققى 150 يۈەننى يېرىمى 75 يۈەننى جاۋاپكار ئۈستىگە ئالسۇن.

   ئەگەر بۇ ھۆكۇمگە قايىل بولمىغان تەرەپ،ھۆكۇمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۇنىدىن باشلاپ 15 كۇن ئىچىدە ،مەھكىمىمىزگە نارازىلىق ئەرز بېرىشكە ھەمدە قارشى تەرەپ دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئادەم سانى بويىنچە ئەرزنىڭ قوشۇمچە نۇسقىسىنى قوشۇپ تاپشۇرۇپ،قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرىز بەرسە بولىدۇ.

   مۇۋەققەت سوتچى: بۇزۇراگۇل مۇپتى

   2015-يىلى3-ئاينىڭ20-كۇنى

    پۇتكۇچى: ئايشەمگۇل ئابلىكىم 

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆喀什市人民法院网

关闭窗口