添加收藏 / 设为首页

此页面上的内容需要较新版本的 Adobe Flash Player。

获取 Adobe Flash Player

当前位置: 维文裁判文书 -> 民事文书

مەھكىمىمىز دەۋاگەر توختىگۇل ھىمىتنىڭ جاۋاپكار ئەيساجان ئەمەت

2015-08-11 10:40:24


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

قەشقەر شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامىسى

            ( 2015) ق ش س ھ د چىقىش 475 -نومۇرلۇق.

    دەۋاگەر: توختىگۇل ھىمىت،

       جاۋاپكار : ئەيساجان ئەمەت ،

    مەھكىمىمىز دەۋاگەر توختىگۇل ھىمىتنىڭ جاۋاپكار ئەيساجان ئەمەت  ئۈستىدىن ئەرىز قىلغان نىكاھتىن ئاجرىشىش ماجرا دىلوسىنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن، قانۇن بويىچە ئادەتتىكى تەرتىپ قوللۇنۇپ سوتچى ۋە خەلق زاسداتىلىدىن تەركىپ تاپقان كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ، ئوچۇق سوت قىلىپ قاراپ چىقتى،مۇشۇ دىلودىكى دەۋاگەر توختىگۇل ھىمىت  سوتقا كېلىپ دەۋا پائالىيىتىگە قاتناشتى ، جاۋاپكار ئەيساجان ئەمەتكە  ئېلان بېرىش يولى بىلەن سوتقا قاتنىشىش ئۇقتۇرۇشى قىلغان بولساقمۇ ، سەۋەپسىز سوتقا قاتناشمىدى،ھازىر بۇ دىلوغا قاراپ چىقىش ئاياغلاشتى.

    دەۋاگەر سوتتا« مەن جاۋاپكار بىلەن ئۆزىمىز تونۇشۇپ 2008-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى قانۇنلۇق تۇرمۇش قۇرغان ئىدىم نىكاھ ئائىلە مۇناسىۋتىمىز بىر يىل ياخشى بولدى بۇ ۋاقىتتا مىنىڭ قوسۇغۇمدا قالدى 2009-يىلى 7-ئايدا يولدۇشۇم ئۆيدىن چىقىپ كىتىپ ھازىرغىچە قايتىپ كەلمەي يوقاپ كەتتى مەن نۇرغۇن قىتىم ئىزدەپ ئىز دىرىگىنى ئالالمىدىم مەن 2009-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى بالام ئەزىزەنى تۇغدۇم بالام تۇغۇلغاندىن كىيىنمۇ پۇتۇن ئۆلكىنى سۇرۇشتۇرۇپ تاپالماي ئاخىرى ئىلان بىرىش يولى بىلەن نىكاھدىن ئاجرىشىش قارارىغا كەلدىم. شۇڭا سوت مەھكىممىسى مىنى جاۋاپكار بىلەن نىكاھدىن ئاجراشتۇرۇپ قويۇشنى تەلەپ قىلمەن ئوتتۇرمىزدا 2009-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى تۇغۇلغان ئەزىزىگۇل ئەيسا ئىسىملىك بالىمىزنى مىنىڭ بىقىپ تەربىيلىشىمگە بۇيرۇپ بىرىشنى تەلەپ قىلمەن. ئوتتۇرمىزدا ئورتاق مۈلۈك يوق »دەپ ئەرىز قىلدى.

   دەۋاگەر ئۆزىنىڭ دەۋا تەشەببۇسىنى قوللاش ئۇچۇن سوتتا تۆۋەندىكى دەلىل-ئىسپاتنى كۆرسەتتى

   1-دەلىل-ئىسپات:قەشقەر شەھەرلىك خەلق ئىشلار ئىدارىسى تەرىپىدىن تارقىتىلغان 2008- يىلى 5- ئاينىڭ 23- كۈنى تىزىملانغان 08-01886 نۇمۇرلۇق ئىككى پارچە نىكاھلىنىش گۇۋاھنامىسىنى .

    ئىسپاتلاش نىشانى: تەرەپلەرنىڭ 2008- يىلى 5- ئاينىڭ 23- كۈنى  قانۇنلۇق نىكاھلىنىپ ئەر خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

يۇقارقى ئىسپات سوت ئۈستىدە بىكىتىلدى.

    2- دەلىل- ئىسپات: تەرەپلەرنىڭ پەرزەنتى ئەزىزىگۇل ئەيسانىڭ سالاھىيەت ئىسپاتىنىڭ كۆپەيتىلمە نۇسقىسى.

    ئىسپاتلاش نىشانى: ئەزىزىگۇل ئەيسانىڭ 2009- يىلى 2- ئاينىڭ 28-كۈنى تۇغۇلغانلىغىنى ئىسپاتلايدۇ.

يۇقارقى ئىسپات سوت ئۈستىدە بىكىتىلدى.

    3- دەلىل ئىسپات: 2015- يىلى 1- ئاينىڭ 25- كۈنىدىكى قەشقەر شەھەر چاسا كوچا باشقارما ئۈرۈك بازىرى ئىجتىمائى رايۇننىڭ چىقىرىپ بەرگەن ئىسپاتىنىڭ  ئەسلى نۇسقىسى.

    ئىسپاتلاش نىشانى: جاۋاپكار ئەيساجان ئەمەتنىڭ 2008- يىلى دەۋاگەر بىلەن توي قىلىپ 2009- يىلى يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

يۇقارقى ئىسپات سوت ئۈستىدە بىكىتىلدى.

    جاۋاپكار ئەيساجان ئەمەتكە شىنجاڭ قانۇنچىلىق گىزىتنىڭ ( 2015- يىلى 8- يانۋار ) 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى 3968 -نومۇرلۇق سانىغا ئىلان بىرىش ئارقىلىق دەۋاگەرنىڭ ئەرزىنى يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە سوتقا قاتنىشىش ئۇختۇرۇشىنى قىلغان بولساقمۇ سەۋەبسىز سوتقا كەلمىدى، تۇرار جايىنى مەلۇم قىلمىدى .دەۋاگەرنىڭ ئەرىزگە قارىتا جاۋاپمۇ يىزىپ تاپشۇرمىدى.

   تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشمىزچە : دەۋاگەر بىلەن جاۋاپكار ئۆزلىرى تونۇشۇپ   2008- يىلى 5- ئاينىڭ 25- كۈنى  قانۇنلۇق نىكاھلىنىپ قەشقەردە بىرمەزگىل بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەن .جاۋاپكارنىڭ كەسپى ئاشپەز بولغاچقا 2009- يىلى 4- ئايدا تەرەپلەر بىللە ئۈرۈمچىگە بىرىپ دەۋاگەر ھامىلدار بولغاچقا  ئۆيدە تۇرغان ، جاۋاپكار  ئۈرۈمچى شەھەرلىك 88- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئاشخانىسىدا  ئاشپەزلىك قىلىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن. 2009- يىلى 7- ئايدا جاۋاپكار ئىش ئورنىغا بارىمەن دەپ ئۆيدىن چىقىپ كىتىپ قايتىپ كەلمىگەن. دەۋاگەر 2009- يىلى 9- ئاينىڭ 28- كۈنى ئەزىزىگۇل ئىسىملىك بالىنى تۇققاندىن كىيىنمۇ جاۋاپكارنى نۇرغۇن جايلاردىن ئىزدەپ دىرىگىنى ئالامىغاچقا تۇرمۇشتا قىينىلىپ مەھكىممىزگە كىلىپ نىكاھدىن ئاجرىشىنى تەلەپ قىلپ ئەرىز بەرگەنلىگى ئىنقىلاندى. 

    يۇقارقى پاكىتلار دەۋاگەر كۆرسەتكەن 1-2-3-  دەلىل ئىسپات دەۋاگەرنىڭ سوتتىكى بايانلىرى ۋە سوت خاتىرسىگە ئاساسەن بىكىتىلدى.

    مەھكىمىمىزنىڭ قارشىچە : تەرەپلەر ئۆزلىرى تونۇشۇپ  نىكاھلىنىپ بىر مەزگىل ئائىلە مۇناسىۋتى ياخشى ئۆتۇپ بىر باللىق بولغان بولسىمۇ جاۋاپكارنىڭ ئۆيدىن چىقىپ كىتىپ ھازىرغىچە قايتىپ كەلمىگەنلىك سەۋەبىدىن  تەرەپلەر ئوتتۇرسىدىكى مىھرى مۇھەببەتكە تەسىر يىتىپ ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ بۇزلۇشىغا سەۋەپ  بولغان .دەۋاگەرنىڭ نىكاھدىن ئاجرىشىش دەۋا تەلىۋى يوللۇق بولۇپ قوللاشقا ، تەرەپلەرنى نىكاھدن ئاجراشتۇرۇشقا، تەرەپلەرنىڭ پەرزەنتى ئەزىزىگۇلنى بۇنىڭدىن كىيىن ئانىسى بىقىپ تەربىيلەشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى  ھەق-تەلەپ دەۋا قانۇنى» نىڭ 144-ماددسى ،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى نىكاھ قانۇنى» نىڭ 32-36-38-ماددسىنىڭ بەلگىلمىسگە ئاساسەن تۇۋەندىكىچە ھۇكۇم قىلىندى.

   1.دەۋاگەر توختىگۇل ھىمىت بىلەن جاۋاپكارئەيساجان ئەمەت  نىكاھدىن ئاجراشتۇرۇلدى .

   2.تەرەپلەرنىڭ پەرزەنتى ئەزىزىگۇل ئەيساننى بۇنىڭدىن كىيىن ئانىسى توختىگۇل ھىمىت بىقىپ تەربىيلەيدۇ .

   بۇ دىلونىڭ دەۋا ھەققى كەچۈرىم قىلىندى .

    ئەگەر بۇ ھۆكۇمگە قايىل بولمىغان تەرەپ،ھۆكۇمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۇنىدىن باشلاپ 15 كۇن ئىچىدە ،مەھكىمىمىزگە نارازىلىق ئەرز تاپشۇرسا ھەمدە قارشى تەرەپ دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئادەم سانى بويىنچە نارازلىق ئەرزنىڭ كۈچۈرمىسنى قوشۇپ تاپشۇرۇپ مەھكىممىز ئارقىلىق ياكى بىۋاستە ،قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرىز بەرسە بولىدۇ.

                            باش سوتچى: دىلنۇر ئابلەت  

مۇۋەققەت سوتچى: بۇزوراگۇل مۇپتى

  خەلق زاسداتىلى : سەييارە سىدىق

 2015-يىلى3-ئاينىڭ27-كۇنى

                                 پۈتكۈچى: ئايشەمگۇل ئابلىكىم

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆喀什市人民法院网

关闭窗口