添加收藏 / 设为首页

此页面上的内容需要较新版本的 Adobe Flash Player。

获取 Adobe Flash Player

当前位置: 维文裁判文书 -> 民事文书

مەھكىمىمىز دەۋاگەر مىجىت قاسىمنىڭ جاۋاپكار خەلچىگۇل كەنجىئۈستىدىن

2015-08-11 11:03:49


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايونى

قەشقەر شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامىسى

           ( 2015) ق ش س ھ د چىقىش 202 -نومۇرلۇق.

دەۋاگەر: مىجىت قاسىم ،

  جاۋاپكار :خەلچىگۇل كەنجى ،

  مەھكىمىمىز دەۋاگەر مىجىت قاسىمنىڭ جاۋاپكار خەلچىگۇل كەنجىئۈستىدىن ئەرىز قىلغان نىكاھتىن ئاجرىشىش ماجرا دىلوسىنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن، قانۇن بويىچە كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ، ئوچۇق سوت قىلىپ قاراپ چىقتى،مۇشۇ دىلودىكى دەۋاگەر مىجىت قاسىم سوتقا كېلىپ دەۋا پائالىيىتىگە قاتناشتى ، جاۋاپكار خەلچىگۇل كەنجىگە ئېلان بېرىش يولى بىلەن سوتقا قاتنىشىش ئۇقتۇرۇشى قىلغان بولساقمۇ ، سەۋەپسىز سوتقا قاتناشمىدى،ھازىر بۇ دىلوغا قاراپ چىقىش ئاياغلاشتى.

    دەۋاگەرئەرزدە«مەن جاۋاپكار بىلەن چوڭلارنىڭ تۇنۇشتۇرۇشى بىلەن تۇنۇشۇپ 2006-يىلى 10- ئايدا قانۇنلۇق نىكاھلانغان .بىز توي قىلىپ 3 يىل مۇناسىۋىتمىز  نورمالنى ئۆتتۇق.ئۇنىڭدىن كىيىن ئەر- ئايال ئىككىمىز چىقىشالماي زىددىيەت ئىچىدە ئوتتۇق 2012-يىلى 11-ئايدا مەن بىلەن جىدەل قىلىپ ئۆيدىن چىكەتكەن. شۇندىن بىرى ئىزدىرەكسىز يوقاپ كەتتى.مەن نۇرغۇن قىتىم كۆپ يەرلەرنى ئىزدىگەن بوساممۇ ئىز دىرىگىنى ئالالمىدىم ، مەن تۇرمۇشتا قىينالدىم ، شۇڭا سوت مەھكىممىسى بىزنى نىكاھتىن ئاجراشتۇرۋەتسە »دەپ دەۋا قىلدى.

دەۋاگەر ئۆزىنىڭ دەۋا تەشەببۇسىنى قوللاش ئۇچۇن سوتتا تۆۋەندىكى دەلىل-ئىسپاتنى كۆرسەتتى.

1 -دەلىل-ئىسپات:قەشقەر شەھەرلىك خەلق ئىشلار ئىدارىسىنىڭ 2014- يىلى 8- ئاينىڭ 26- كۈنى چىقىرىپ بەرگەن بىر پارچە ئىسپاتىنىڭ ئەسلى نۇسقىسىنى سوتقا تاپشۇردى.

ئىسپاتلاش نىشانى: تەرەپلەرنىڭ 2006- يىلى 101228- نۇمۇرلۇق نىكاھلىنىش گۇۋاھنامىسى ئالغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. جاۋاپكار سوتقا كەلمىگەنلىگى ئۇچۇن يۇقارقى دەلىل- ئىسپاتنى بەتلەشتۇرۇش ئىمكانىيتى بولمىدى بۇ ئىسپات سوتتا مۇئەييەنلەشتۇرۇلدى.

2- دەلىل- ئىسپات: قەشقەر شەھەر قوغان يىزا ئىشچان 12- كەنت كومتىتىنىڭ 2014- يىلى 8- ئاينىڭ 3- كۈنى چىقىرىپ بەرگەن ئىسپاتىنىڭ ئەسلى نۇسقىسى سوتقا  تاپشۇرۇلدى

ئىسپاتلاش نىشانى: تەرەپلەرنىڭ 2006-يىلى 10-ئايدا  توي قىلغانلىقىنى، جاۋاپكارنىڭ 2012-يىلى 11-ئايدا ئىرى بىلەن گەپ تالىشىپ قىلىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەنلىگىنى ھازىرغىچە ئىزدىرىكىنىڭ يوقلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. جاۋاپكار سوتقا كەلمىگەنلىگى ئۇچۇن يۇقارقى دەلىل- ئىسپاتنى بەتلەشتۇرۇش ئىمكانىيتى بولمىدى بۇ ئىسپات سوتتا مۇئەييەنلەشتۇرۇلدى.

   جاۋاپكارغا شىنىجاڭ قانۇنچلىق گىزىتىنڭ 2014- يىلى 11- ئاينىڭ 14- كۈنى 3933-نۇمۇرلۇق سانىغا ئېلان بىرىش يولى بىلەن دەۋاگەرنىڭ ئەرزىنى سوتقا قاتنىشىش ئۇقتۇرۇشىنى يەتكۇزگەن بولساقمۇ،  سەۋەپسىز سوتقا كەلمىدى ، تۇرار جايىنى مەلۇم قىلمىدى. دەۋاگەرنىڭ ئەرزگە قارتا جاۋاپ يېزىپمۇ تاپشۇرمىدى .

   تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشمىزچە : دەۋاگەر ، جاۋاپكار بىلەن چوڭلارنىڭ تۇنۇشتۇرۇشى بىلەن تۇنۇشۇپ 2006-يىلى 10-ئايدا قانۇنلۇق نىكاھلانغان بولۇپ، مۇناسۋىتى 6يىل نورمالنى ئۆتكەن بولسىمۇ، 2012-يىلى 11-ئايدا تەرەپلەر ئائىلدىكى ئىشلار سەۋەبىدىن گەپ تەگىشىپ قىلىپ جاۋاپكار   يامانلاپ ئۆيدىن چىقىپ  كەتكەنچە  ھازىرغا قەدەر ئىز-دىرىكى بولمىغانلىقتىن، دەۋاگەر تۇرمۇشتا قىيلىنىپ ، مەھكىمىمىزگە كىلىپ جاۋاپكار بىلەن نىكاھتىن ئاجىرششنى تەلەپ قىلىپ ئەرز بەرگەنلىگى ئېنىقلاندى .

يۇقارقى پاكىتلار دەۋاگەر كۆرسەتكەن 1-2- دەلىل ئىسپات دەۋاگەرنىڭ سوتتىكى بايانلىرى ۋە سوت خاتىرسىگە ئاساسەن بىكىتىلدى.

  مەھكىمىمىزنىڭ قارشىچە : تەرەپلەر چوڭلارنىڭ تونۇشتۇرشى بىلەن نىكاھلانغان بولۇپ، نىكاھلىنىش ئاساسى ئاجىز بولغاچقا بىر بىرىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ تۇرمۇشقا بولغان چۇشەنچىسىنىڭ يىتەرسىزلىگىدىن جاۋاپكار ،يوقلاڭ ئىشلارنى باھانە قىلىپ  دەۋاگەرنى تاشلاپ ئۆيدىن چىقىپ كىتىپ ھازىرغا قەدەر قايتىپ كەلمىگەنلىك سەۋەبىدىن تەرەپلەر ئوتتۇرسىدىكى مىھرى مۇھەببەتكە تەسىر يىتىپ ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ بۇزلۇشىغا سەۋەپچى بولغان .دەۋاگەرنىڭ نىكاھدىن ئاجرىشىش دەۋا تەلىۋى يوللۇق بولۇپ قوللاشقا بولىدۇ . تەرەپلەرنى نىكاھدن ئاجراشتۇرۇشقا تىگىشلىك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى  ھەق-تەلەپ دەۋا قانۇنى» نىڭ 144-ماددسى ،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى نىكاھ قانۇنى» نىڭ 32-ماددسىنىڭ بەلگىلمىسگە ئاساسەن تۇۋەندىكىچە ھۇكۇم قىلىندى.

1.دەۋاگەر مىجىت قاسىم بىلەن جاۋاپكار خەلچىگۇل كەنجى نىكاھدىن ئاجراشتۇرۇلدى .

  دەۋا ھەققى 150 يۈەن ،ئېلان ھەققى 250يۈەن جەمئى 400يۈەنى دەۋاگەر ئۈستىگە ئالسۇن.

   ئەگەر بۇ ھۆكۇمگە قايىل بولمىغان تەرەپ،ھۆكۇمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۇنىدىن باشلاپ 15 كۇن ئىچىدە ،مەھكىمىمىزگە نارازىلىق ئەرز تاپشۇرسا ھەمدە قارشى تەرەپ دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئادەم سانى بويىنچە نارازلىق ئەرزنىڭ كۈچۈرمىسنى قوشۇپ تاپشۇرۇپ،قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرىز بەرسە بولىدۇ.

  باش سوتچى:    دىلنۇر ئابلەت.

     سوتچى:     گۇلباھار سىدىق.

  خەلق زاسداتىلى :   مىھرىگۇل مەمتىمىن

   2015-يىلى2-ئاينىڭ2-كۇنى

   پۇتكۇچى:     ئايشەمگۇلئابلىكىم                                   

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆喀什市人民法院网

关闭窗口