添加收藏 / 设为首页

此页面上的内容需要较新版本的 Adobe Flash Player。

获取 Adobe Flash Player

当前位置: 维文裁判文书 -> 民事文书

مەھكىمىمىز دەۋاگەر ئابدۇشكۈر مەمەتنىڭ جاۋاپكار پەزىلەت مەخمۇت

2015-08-11 11:05:39


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايونى

قەشقەر شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامىسى

            ( 2015) ق ش س ھ د چىقىش 333 -نومۇرلۇق.

    دەۋاگەر: ئابدۇشكۈر مەمەت،

    جاۋاپكار:پەزىلەت مەخمۇت ،

     مەھكىمىمىز دەۋاگەر ئابدۇشكۈر مەمەتنىڭ جاۋاپكار پەزىلەت مەخمۇت ئۈستىدىن ئەرىز قىلغان نىكاھتىن ئاجرىشىش ماجرا دىلوسىنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن، قانۇن بويىچە ئادەتتىكى تەرتىپ قوللۇنۇپ سوتچى ۋە خەلق زاسداتىلىدىن تەركىپ تاپقان كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ، ئوچۇق سوت قىلىپ قاراپ چىقتى،مۇشۇ دىلودىكى دەۋاگەر ئابدۇشكۈر مەمەت سوتقا كېلىپ دەۋا پائالىيىتىگە قاتناشتى ، جاۋاپكار پەزىلەت مەخمۇتگە ئېلان بېرىش يولى بىلەن سوتقا قاتنىشىش ئۇقتۇرۇشى قىلغان بولساقمۇ ، سەۋەپسىز سوتقا قاتناشمىدى،ھازىر بۇ دىلوغا قاراپ چىقىش ئاياغلاشتى.

    دەۋاگەر سوتتا« مەن جاۋاپكار بىلەن ئۆز ئارا تونۇشۇپ 2008-يىلى 9-ئايدا قانۇنلۇق توي قىلغان ئىدىم، بىر يىرىم يىلدەك ياخشى ئۆتتۇق كىيىنچە جاۋاپكار ساڭا كۆڭلۈم چۈشمىدى ئاجرىشىپ كىتەيلى دەپ تۇرۇۋالغاچقا ئاجرىشىپ كەتتۇق.2011-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى توي خىتى ئىلىپ قايتا ياراشتۇق ئوبدان ئۆتتۇق.2012-يىلى 5-ئاينىڭ باشلىرىدا جاۋاپكارنىڭ تەلىۋى بويىنچە جاۋاپكارغا 37مىڭيۇەن چىقىم قىلىپ خامبازىرى ئەتراپىدىن تاللا بازىرى ئىچىپ بەردىم جاۋاپكار دۇككاننى 8كۈن ئاچقاندىن كىيىن دۇككاننى ئاچمايمەن سىتىۋىتەيلى دەپ دادا بىر ئانا باشقا ئاكىسى ئىمام مەخمۇتقا 22مىڭ يۇەنگە سىتىۋەتتى بىر قانچە كۈندىن كىيىن مەن بىر يىل ئىلگىرى 3100يۇەنگە ئىلىپ بەرگەن توكىسكىلىتنى 1700يۇەنگە ماڭا ساتتى بۇ پۇللارنىڭ ھەممىسىنى جاۋاپكار مەندە تۇرسۇن دەپ ئۆزىنىڭ بانكا كارتىسىغا قويغان ئىدى، يەنە بىر قانچە كۈندىن كىيىن (2012-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى )كەچقۇرۇن جاۋاپكار چوڭ دادامنىڭ يىنىغا بىرىپ كىلەي دەپ ئۆيدىن چىقىپ كىتىپ كىرمىدى مەن كىچىچە كۆپلىگەن يەرلەردىن ئىزدەپ تاپالمىدىم ئەتىسى ئەتىگەندە چوڭ دادىسىنىڭ ئۆيىگە بارسام ئۇ ئۆيگە كەلمەپتۇ ئاتا ئانىسىنىڭ ئۆيىگىمۇ بارماپتۇ جاۋاپكار ئاتا ئانىسىنى ئىلگىرىكى يولدىشىنىمۇ كۆپ قاخشاتقاچقا جاۋاپكارنىڭ تۇققانلىرى ماڭا ھىسداشلىق قىلغان بولسىمۇ كارى بولمىدى مەن ھازىرغىچە ئىزدەپ تاپالمىدىم ئۇچۇرىمۇ بولمىدى ئارىمىزدا پەرزەنىت ياكى ئورتاق مۈلۈكمۇ يوق مىنىڭ يىنىمدا ئىلگىركى ئايالىمدىن بولغان 3پەرزەنتىم بولۇپ بالىلار كىچىك بولغاچقا كۆپ قينالدىم ئاخىرى ئاجشىش نىيتىگە كىلىپ مەھكىمەڭلارگە مەزكۇر ئەرىزنى سۇندۇم شۇڭا سوت مەھكىممىسى بىزنى نىكاھدىن ئاجراشتۇرۇپ قويسا دەۋا ھەققىنى ئۆزەم ئۈستۇمگە ئالىمەن   »دەپ ئەرىز قىلدى.

   دەۋاگەر ئۆزىنىڭ دەۋا تەشەببۇسىنى قوللاش ئۇچۇن سوتتا تۆۋەندىكى دەلىل-ئىسپاتنى كۆرسەتتى.

1 -دەلىل-ئىسپات:قەشقەر شەھەرلىك خەلق ئىشلار ئىدارىسىدىن تارىتىپ بىرىلگەن 2011- يىلى 9- ئاينىڭ 27- كۈنى 1653101-2011-004948 نۇمۇرلۇق ئابدۇشكۈر مەمەت نامىدىكى بىر پارچە نىكاھلىنىش گۇۋاھنامىسىن سوتقا تاپشۇردى.

   ئىسپاتلاش نىشانى: تەرەپلەرنىڭ 2011- يىلى 9- ئاينىڭ 27- كۈنى  قانۇنلۇق نىكاھلىنىش گۇۋاھنامىسى ئالغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

جاۋاپكار سوتقا كەلمىگەچكە يۇقارقى ئىسپاتنى بەتلەشتۈرۈش مۇمكىن بولمىدى.

   يۇقارقى ئىسپات سوت ئۈستىدە بىكىتىلدى.

   2- دەلىل- ئىسپات: قەشقەر شەھەر ياۋاغ كوچا ئىش بىجىرىش باشقارمىسىنىڭ 2014- يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنىدىكى ئىسپاتىنىڭ  ئەسلى نۇسقىسى سوتقا  تاپشۇرۇلدى

   ئىسپاتلاش نىشانى: جاۋاپكارنىڭ شۇ تەۋەلىكتە ئىز دىرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

   جاۋاپكار سوتقا كەلمىگەچكە يۇقارقى ئىسپاتنى بەتلەشتۈرۈش مۇمكىن بولمىدى.

   يۇقارقى ئىسپات سوت ئۈستىدە بىكىتىلدى.

   3- دەلىل ئىسپات: قوغان يىزا ھەزرەت 1- كەنت كومتىتىنىڭ 2014- يىلى 5- ئاينىڭ 20- كۈنى يىزىپ بەرگەن تونۇشتۇرۇشنىڭ ئەسلى نۇسقىسى سوتقا تاپشۇردى.

   ئىسپاتلاش نىشانى: جاۋاپكارنىڭ 2012- يىلى 5- ئاينىڭ 22- كۈنى ئۆيدىن سەۋەپسىز چىقىپ كىتىپ ھازىرغىچە تىپىلمىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

  جاۋاپكارسوتقا كەلمىگەچكە يۇقارقى ئىسپاتنى بەتلەشتۈرۈش مۇمكىن بولمىدى.

   يۇقارقى ئىسپات سوت ئۈستىدە بىكىتىلدى.

   4- دەلىل ئىسپات:250 يۈەنلىك ئىلان ھەققى تالۇنى .

   ئىسپاتلاش نىشانى: جاۋاپكارغا دەۋاگەرنىڭ ئەرزىنى ئىلان ئارقىلىق يەتكۈزگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

   جاۋاپكارسوتقا كەلمىگەچكە يۇقارقى ئىسپاتنى بەتلەشتۈرۈش مۇمكىن بولمىدى.

   يۇقارقى ئىسپات سوت ئۈستىدە بىكىتىلدى.

   جاۋاپكار پەزىلەت مەخمۇتقا  شىنجاڭ قانۇنچىلىق گىزىتنىڭ ( 2014- يىلى 10- دىكابىر) 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى 3951-نومۇرلۇق سانىغا ئىلان بىرىش ئارقىلىق دەۋاگەرنىڭ ئەرزىنى يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە سوتقا قاتنىشىش ئۇختۇرۇشىنى قىلغان بولساقمۇ سەۋەبسىز سوتقا كەلمىدى، تۇرار جايىنى مەلۇم قىلمىدى .دەۋاگەرنىڭ ئەرىزگە قارىتا جاۋاپمۇ يىزىپ تاپشۇرمىدى.

   تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشمىزچە : دەۋاگەر بىلەن جاۋاپكار ئۆزلىرى تونۇشۇپ   2011- يىلى 9- ئاينىڭ 27- كۈنى قانۇنلۇق نىكاھلىنىپ  ئەر خوتۇننىڭ مۇناسىۋتى بىر يىل ياخشى ئۆتكەن، ئۇندىن كىيىن جاۋاپكار دەۋاگەرنى سىلىنىڭ 3باللىرى بار ئىكەن مەن بالىلارنى باقمايمەن ئاجرىشىپ كىتەيلى دىگەندە دەۋاگەر مۇناسىۋتىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن جاۋاپكارغا تاللا بازىرى ئىچىپ بەرگەن. تاللا بازىرىنى 8كۈن ئىچىپ دۇكاننى باشقىلارغا 22مىڭ يۇەنگە سىتىۋىتىپ 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى چوڭ دادامنى يوقلاپ كىلىمەن دەپ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەنچە ھازىرغا قەدەر قايتىپ كەلمىگەن دەۋاگەر كۆپ قىتىم نۇرغۇن جايلارنى ئىزدىگەن بولسىمۇ  ھازىرغا قەدەر ئىز-دىرىكى بولمىغانلىقتىن، تۇرمۇشتا قىيلىنىپ ، مەھكىمىمىزگە كىلىپ جاۋاپكار بىلەن نىكاھتىن ئاجىرششنى تەلەپ قىلىپ ئەرز بەرگەنلىگى ئېنىقلاندى .

يۇقارقى پاكىتلار دەۋاگەر كۆرسەتكەن 1-2-3-4- دەلىل ئىسپات دەۋاگەرنىڭ سوتتىكى بايانلىرى ۋە سوت خاتىرسىگە ئاساسەن بىكىتىلدى.

    مەھكىمىمىزنىڭ قارشىچە : تەرەپلەر ئۆزلىرى تونۇشۇپ  نىكاھلانغان بولسىمۇ ،نىكاھلىنىش ئاساسى ئاجىز بولغاچقا بىر بىرىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ تۇرمۇشقا بولغان چۇشەنچىسىنىڭ يىتەرسىزلىگىدىن جاۋاپكار چوڭ دادامنى كۆرۈپ كىلىمەن دىگەننى باھانە قىلىپ  دەۋاگەرنى تاشلاپ ئۆيدىن چىقىپ كىتىپ ھازىرغا قەدەر قايتىپ كەلمىگەنلىك سەۋەبىدىن تەرەپلەر ئوتتۇرسىدىكى مىھرى مۇھەببەتكە تەسىر يىتىپ ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ بۇزلۇشىغا سەۋەپچى بولغان .دەۋاگەرنىڭ نىكاھدىن ئاجرىشىش دەۋا تەلىۋى يوللۇق بولۇپ قوللاشقا ، تەرەپلەرنى نىكاھدن ئاجراشتۇرۇشقا تىگىشلىك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى  ھەق-تەلەپ دەۋا قانۇنى» نىڭ 144-ماددسى ،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى نىكاھ قانۇنى» نىڭ 32-ماددسىنىڭ بەلگىلمىسگە ئاساسەن تۇۋەندىكىچە ھۇكۇم قىلىندى.

1.دەۋاگەر ئابدۈشكۈر مەمەت بىلەن جاۋاپكار پەزىلەت مەخمۇت  نىكاھدىن ئاجراشتۇرۇلدى .

    دەۋا ھەققى 150 يۈەن ،ئېلان ھەققى 250يۈەن جەمئى 400يۈەنى دەۋاگەر ئۈستىگە ئالسۇن.

    ئەگەر بۇ ھۆكۇمگە قايىل بولمىغان تەرەپ،ھۆكۇمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۇنىدىن باشلاپ 15 كۇن ئىچىدە ،مەھكىمىمىزگە نارازىلىق ئەرز تاپشۇرسا ھەمدە قارشى تەرەپ دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئادەم سانى بويىنچە نارازلىق ئەرزنىڭ كۈچۈرمىسنى قوشۇپ تاپشۇرۇپ مەھكىممىز ئارقىلىق ياكى بىۋاستە ،قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرىز بەرسە بولىدۇ.

 باش سوتچى:    دىلنۇر ئابلەت  

                             سوتچى:    گۇلباھار سىدىق  

خەلق زاسداتىلى : مىرىگۇل مەمەتئىمن 

   2015-يىلى2-ئاينىڭ26-كۇنى

                 پۇتكۇچى:  ئايشەمگۇل ئابلىكىم

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆喀什市人民法院网

关闭窗口