添加收藏 / 设为首页

此页面上的内容需要较新版本的 Adobe Flash Player。

获取 Adobe Flash Player

当前位置: 维文裁判文书 -> 民事文书

مەھكىمىمىز دەۋاگەر قەيۇم پالتىنىڭ جاۋاپكار روزىگۇل بارات ئۈستىدىن

2015-08-11 11:07:49


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

قەشقەر شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامىسى

           ( 2015) ق ش س ھ د چىقىش 761 -نومۇرلۇق.

    دەۋاگەر: قەيۇم پالتا ،

    جاۋاپكار : روزىگۇل بارات،

    مەھكىمىمىز دەۋاگەر قەيۇم پالتىنىڭ جاۋاپكار روزىگۇل بارات ئۈستىدىن ئەرىز قىلغان نىكاھتىن ئاجرىشىش ماجرا دىلوسىنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن، قانۇن بويىچە ئادەتتىكى تەرتىپ قوللۇنۇپ سوتچى ۋە خەلق زاسداتىلىدىن تەركىپ تاپقان كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ، ئوچۇق سوت قىلىپ قاراپ چىقتى،مۇشۇ دىلودىكى دەۋاگەر قىيۇم پالتا  سوتقا كېلىپ دەۋا پائالىيىتىگە قاتناشتى ، جاۋاپكارروزىگۇل باراتقا  ئېلان بېرىش يولى بىلەن سوتقا قاتنىشىش ئۇقتۇرۇشى قىلغان بولساقمۇ ، سەۋەپسىز سوتقا قاتناشمىدى،ھازىر بۇ دىلوغا قاراپ چىقىش ئاياغلاشتى.

    دەۋاگەر سوتتا«مەن جاۋاپكار بىلەن ئۆيدىكىلەرنىڭ تونۇشتۇرشى بىلەن 2007-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى قانۇنلۇق نىكاھقا تىزىملىتىپ توي قىلغان ئىدىم، بىز توي قىلىپ بىر مەزگىل ياخشى ئۆتۇپ خەيرىنساگۇل قىيۇم (2007-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى تۇغۇلغان) ئىسىملىك بىر بالىغا ئاتا ئانا بولغان ئىدۇق 2011-يىلى 9-ئايدا جاۋاپكار ئىز دىرەكسىز يوقاپ كەتتى مەن ۋە جاۋاپكارنىڭ ئاتا ئانىسى ھەر تەرەپتىن ئىزدىگەن بولساقمۇ تاپالمىدۇق، قانۇن ئىڭىمنىڭ تۆۋەنلىگىدىن ۋاقتىدا خەۋەر قىلماي ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندىن كىيىن جاۋاپكارنىڭ تەۋەلىگى بولغان كوناشەر ناھىيە ئوغۇساق يىزىلىق خەلق ساقچىخانىسىغا دىلو مەلۇم قىلدىم، ساقچىخانىدىكىلەر دىلو تۇرغۇزۇپ ئىزدىگەن بولسىمۇ تاكى ھازىرغىچە تاپالمىدى جاۋاپكارنىڭ يوقاپ كەتكەنلىگى توغۇرلۇق مەن تۇرۇشلۇق ئورۇننىڭ ۋە جاۋاپكارنىڭ تەۋەلىگىدىن يىزىلىق ساقچىخانىسى ۋە كەنىت كومتىتى قىلىپ بەرگەن ئىسپاتى بار. شۇڭا قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەتىمنى قوغداش ئۈچۈن مەھكىمەڭلارگە مەزكۇر ئەرىزنى سۇندۇم شۇڭا سوت مەھكىممىسى قانۇن بويىنچە جاۋاپكار بىلەن نىكاھدىن ئاجراشتۇرۇپ قويسا،ئوتتۇرمىزدىكى پەرزەنتىمىز خەيرىنساگۇل قىيۇمنى مىنىڭ بىقىپ تەربىيلىشىمگە بۇيرۇپ بىرىشنى تەلەپ قىلىمەن  »دەپ ئەرىز قىلدى.

   دەۋاگەر ئۆزىنىڭ دەۋا تەشەببۇسىنى قوللاش ئۇچۇن سوتتا تۆۋەندىكى دەلىل-ئىسپاتنى كۆرسەتتى

   1-دەلىل-ئىسپات:قەشقەر شەھەرلىك خەلق ئىشلار ئىدارىسى نىكاھ ئىشلىرىنى تىزىملاش ئورنىدىن تارقىتىلغان  2007- يىلى 1- ئاينىڭ 12- كۈنىدىكى 100041- نۇمۇرلۇق بىر پارچە نىكاھلىنىش گۇۋاھنامىسىنى سوتقا تاپشۇردى.

   ئىسپاتلاش نىشانى: تەرەپلەرنىڭ 2007- يىلى 1- ئاينىڭ 12- كۈنى  قانۇنلۇق نىكاھلىنىپ ئەر خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

يۇقارقى ئىسپات سوت ئۈستىدە بىكىتىلدى.

   2- دەلىل- ئىسپات: قەشقەر شەھەر پاختەكلى يىزا 1- كەنت ئاھالىلەر كومتىتىنىڭ 2014- يىلى 12- ئاينىڭ 17- كۈنى چىقىرىپ بەرگەن بىر پارھە ئىسپاتىنىڭ ئەسلى نۇسقىسى  سوتقا  تاپشۇرۇلدى

   ئىسپاتلاش نىشانى: جاۋاپكارنىڭ دەۋاگەر بىلەن توي قىلىپ بىر بالىلىق بولغانلىقى كىيىن ئۆيدىن چىقىپ كىتىپ ھازىرغىچە قايتىپ كەلمىگەنلىگىنى  ئىسپاتلايدۇ.

يۇقارقى ئىسپات سوت ئۈستىدە بىكىتىلدى.

   3- دەلىل ئىسپات: كونا شەھەر ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى ئوغۇساق ساقچىخانىنىڭ 2014- يىلى 12- ئاينىڭ 29- كۈنىدىكى ئىسپاتىنىڭ  ئەسلى نۇسقىسى سوتقا تاپشۇردى.

   ئىسپاتلاش نىشانى: جاۋاپكارنىڭ شۇ تەۋەلىكتە 2013- يىلى 2- ئايدىن باشلاپ يوقاپ كەتكەنلىكىنى  ئىسپاتلايدۇ.

يۇقارقى ئىسپات سوت ئۈستىدە بىكىتىلدى.

   جاۋاپكار روزىگۇل باراتقا  شىنجاڭ قانۇنچىلىق گىزىتنىڭ ( 2015- يىلى 6- فىۋرال ) 2015-يىلى 2-ئاينىڭ6-كۈنىدىكى 3990-نومۇرلۇق سانىغا ئىلان بىرىش ئارقىلىق  دەۋاگەرنىڭ ئەرزىنى يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە سوتقا قاتنىشىش ئۇختۇرۇشىنى قىلغان بولساقمۇ سەۋەبسىز سوتقا كەلمىدى، تۇرار جايىنى مەلۇم قىلمىدى .دەۋاگەرنىڭ ئەرىزگە قارىتا جاۋاپمۇ يىزىپ تاپشۇرمىدى.

   تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشمىزچە : دەۋاگەر بىلەن جاۋاپكارباشقىلارنىڭ تونۇشتۇرشى ئارقىلىق تونۇشۇپ   2007- يىلى 1- ئاينىڭ 12- كۈنى  قانۇنلۇق نىكاھلىنىپ بىر مەزگىل ئائىلە مۇناسىۋتى نورمال ئۆتۇپ خەيرىنساگۇل قەيۇم ( 2007- يىلى 11- ئاينىڭ 3- كۈنى تۇغۇلغان) ئىسىملىك بىر بالىغا ئاتا ئانا بولۇشقان بولسىمۇ جاۋاپكار  2013-يىلى 2-ئايدا سەۋەپسىز ئۆيدىن چىقىپ كىتىپ قايتىپ كەلمىگەن، دەۋاگەر جاۋاپكارنى ئاتا ئانىسى بىلەن نۇرغۇن جايلاردىن ئىزدەپ دىرىگىنى ئالالمىغاچقا  بالا بىلەن تۇرمۇشتا قىينىلىپ مەھكىممىزگە كىلىپ نىكاھدىن ئاجرىشىنى تەلەپ قىلپ ئەرىز بەرگەنلىگى ئىنقىلاندى. 

    يۇقارقى پاكىتلار دەۋاگەر كۆرسەتكەن 1-2-3-  دەلىل ئىسپات دەۋاگەرنىڭ سوتتىكى بايانلىرى ۋە سوت خاتىرسىگە ئاساسەن بىكىتىلدى.

    مەھكىمىمىزنىڭ قارشىچە : تەرەپلەر باشقىلارنىڭ تونۇشتۇرشى ئارقىلىق تونۇشۇپ  نىكاھلىنىپ بىر مەزگىل ئائىلە مۇناسىۋتى ياخشى ئۆتۇپ بىر باللىق بولغان بولسىمۇ، جاۋاپكارنىڭ سەۋەپسىز ئۆيدىن چىقىپ كىتىپ ھازىرغىچە قايتىپ كەلمىگەنلىك سەۋەبىدىن  تەرەپلەر ئوتتۇرسىدىكى مىھرى مۇھەببەتكە تەسىر يىتىپ ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ بۇزلۇشىغا سەۋەپ  بولغان . دەۋاگەرنىڭ نىكاھدىن ئاجرىشىش دەۋا تەلىۋى يوللۇق بولۇپ قوللاشقا ، تەرەپلەرنى نىكاھدن ئاجراشتۇرۇشقا، تەرەپلەرنىڭ پەرزەنتى خەيرىنساگۇل قىيۇمنى بۇنىڭدىن كىيىن دادىسى بىقىپ تەربىيلەشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى  ھەق-تەلەپ دەۋا قانۇنى» نىڭ 144-ماددسى ،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى نىكاھ قانۇنى» نىڭ 32-36-38-ماددسىنىڭ بەلگىلمىسگە ئاساسەن تۇۋەندىكىچە ھۇكۇم قىلىندى.

   1.دەۋاگەر قىيۇم پالتا  بىلەن جاۋاپكار روزىگۇل بارات  نىكاھدىن ئاجراشتۇرۇلدى .

   2.تەرەپلەرنىڭ پەرزەنتى خەيرىنساگۇل قىيۇمنى بۇنىڭدىن كىيىن دادىسى قىيۇم پالتا  بىقىپ تەربىيلەيدۇ .

   دەۋا ھەققى 150يۇئەننى دەۋاگەر ئۈستىگە ئالىدۇ.

    ئەگەر بۇ ھۆكۇمگە قايىل بولمىغان تەرەپ،ھۆكۇمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۇنىدىن باشلاپ 15 كۇن ئىچىدە ،مەھكىمىمىزگە نارازىلىق ئەرز تاپشۇرسا ھەمدە قارشى تەرەپ دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئادەم سانى بويىنچە نارازلىق ئەرزنىڭ كۈچۈرمىسنى قوشۇپ تاپشۇرۇپ مەھكىممىز ئارقىلىق ياكى بىۋاستە ،قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرىز بەرسە بولىدۇ.

                           باش سوتچى:دىلنۇر ئابلەت

مۇۋەققەت سوتچى: بۇزۇراگۇل مۇپتى  

 خەلق زاسداتىلى : مەريەمگۇل ئەلى

   2015-يىلى4-ئاينىڭ27-كۇنى

                                 پۈتكۈچى: ئايشەمگۇل ئابلىكىم

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆喀什市人民法院网

关闭窗口